- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئونسۇ ناھىيەسىدە «1 – دېكابىر» ئەيدىز كۈنى تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىلدى
2015.11.30 18:08 مەنبە: خەلق تورى
ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلەت ئابلىز، چولپان مەتنىياز خەۋىرى، فوتوسى) «1 - دېكابىر» دۇنيا ئەيدىز كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، 28 – نويابىر، ئونسۇ ناھىيەلىك ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ناھىيەلىك مالىيە ئىدارىسى، مەدەنىيەت - تەنتەربىيە، رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، سۇ ئىدارىسى، يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى، كادىرلار ئىدارىسى، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتىرول قىلىش مەركىزى، سەھىيە نازارەتچىلىك ئورنى، پارتىيە مەكتەپ ۋە باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى خادىملار بىرلىكتە دېھقانچىلىق سودا بازىرىدا «ھەرىكەتلىنىپ، ئەيدىزنى ‹نۆل پىرسەنت›كە چۈشۈرۈشكە يۈرۈش قىلايلى» تېمىسىدا تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ باردى. بۇ پائالىيەتتە خىزمەتچى خادىملار ئاممىغا 5000 پارچىدىن ئارتۇق تەشۋىقات ۋەرەقچىسى، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى قوللانمىسى ۋە گاندون قاتارلىقلارنى تارقاتتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر