باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندى سىياسىتى يەنىمۇ قويۇۋېتىلدى

2015.11.30 18:20         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ـــ ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى يېڭى سىياسەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى شەرھلىدى

  تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرز پۇلى سوممىسىنى ئۆستۈرۈش، قەرز ئېلىش شەرتلىرىنى قويۇۋېتىش، فوندنى ئېلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ئىشلىتىش بوسۇغىسىنى تۆۋەنلىتىش، رەسمىيەت بېجىرىشنى ئاددىيلاشتۇرۇش... يېقىندا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بەش تارماق بىرلىكتە ‹‹تۇرالغۇ جامائەت فوندىنىڭ ئۆي ئىستېمالىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش›› (تۆۋەندە ‹‹ئۇقتۇرۇش›› دەپ قىسقارتىپ ئېلىندى)نى ئېلان قىلىپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆي ئىستېمالىنى قوللاپ، تۇرالغۇ شارائىتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، پۈتكۈل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆي – زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

  تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى سىياسىتى قانداق ئالاھىدە شارائىتتا ئېلان قىلىندى؟ ئۇنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟ ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان تۇرالغۇ جامائەت فوندى سىياسىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ يېڭى سىياسەتنىڭ قانداق يارقىن نۇقتىلىرى بار؟ قايسى نۇقتىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىنغان؟ يېڭى سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھەقىقىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە قانداق كاپالەتلىك قىلىنىدۇ؟ ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى بۇ مەسىلىلەرگە چۈشەنچە بەردى.

  مۇخبىرىمىز شى شىن 

  يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىش كېرەك

  سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 8 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندى جۇغلانمىسى 160 مىليارد 304 مىليون يۈەنگە، شەخسلەر ئالغان تۇرالغۇ جامائەت فوندى سوممىسى 84 مىليارد 476 مىليون يۈەنگە يەتكەن، 646 مىڭ ئائىلە 86 مىليارد 977 مىليون يۈەن تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرزى بېجىرگەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى مۇنداق دېدى: تۇرالغۇ جامائەت فوندى چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، بۇ تۈزۈم خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئىستېمالىغا تۈرتكە بولۇش، ئۆي مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ئۆي – زېمىن بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. تۇرالغۇ جامائەت فوندىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىش تۇرالغۇ جامائەت فوندىنىڭ زور يوشۇرۇن كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپلا قالماستىن، يەنە بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىكى تەخىرسىز مەسىلە. بۇ قېتىمقى يېڭى سىياسەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشتىكى مەقسەت تۇرالغۇ جامائەت فوندىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى قالدۇقىنى ئۈنۈملۈك جانلاندۇرۇش، يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ، تۇرالغۇ ئىستېمالىنى قوللاشتىن ئىبارەت.

  ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزمۇ مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە كىردى، ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاش بېسىمى بىر قەدەر چوڭ.

  دۆلەت تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى بۇ يىل 3 – ئاينىڭ 20 – كۈنى تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش تېلېۋىزىيە تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندىنىڭ بوسۇغىسىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرز سوممىسىنى كۆپەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ئاپتونوم رايونىمىز شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ھەرىكىتىدە ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇ يىل 4 – ئايدا ‹‹ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاش بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇپ، ھازىرقى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكىر››(تۆۋەندە ‹‹پىكىر›› دەپ قىسقارتىپ ئېلىندى)نى ئېلان قىلىپ، 20 تۈردىكى 50 تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، گەۋدىلىك زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ساغلام، سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر تۈر ‹‹ئۆي – زېمىن، مالىيە – باج، پۇل مۇئامىلە سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش››.

  ‹‹پىكىر››دە ئۆي – زېمىن كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئىقتىسادنىڭ مۇھىم ئېشىش نۇقتىسى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يەنە دۆلەتنىڭ ئۆي – زېمىن كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى تۈرلۈك سىياسەت، تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئۆي سېتىشتا باجدا ئېتىبار بېرىش، تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى ئىشلىتىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش، نىمكەش ئۆي سودىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆي – زېمىن كەسپىنىڭ ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۈرتكىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك، دېيىلدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹پىكىر››ىنىڭ روھىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندىدا پاكلىق خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، قالدۇق مەبلەغنى جانلاندۇرۇپ، تۇرالغۇ ئىستېمالىنى قوللاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى ئىشلىتىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى 8 – ئايدا ئاپتونوم رايون بويىچە تۇرالغۇ جامائەت فوندى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزگەن. بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان ‹‹ئۇقتۇرۇش›› تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى يىغىنىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹پىكىر››ىگە قايتۇرۇلغان جاۋاب ئىكەن.

  ‹‹تارىختىكى ئەڭ بوش›› سىياسەت

  ئىلگىرىكى سىياسەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىمقى ‹‹ئۇقتۇرۇش››تا تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى ئېلىش بەلگىلىمىسى ۋە جايلار ئارا قەرز ئېلىش سىياسىتى جەھەتتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىنغان بولۇپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى سىياسىتى ‹‹تارىختىكى ئەڭ بوش›› سىياسەت دەپ ئاتالدى.

  ئەمەلىيەتتە ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك سىياسەت، قانۇن – بەلگىلىمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەبلەغ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش شەرتى بىلەن، تۇرالغۇ جامائەت فوندىنىڭ رولىنى قانداق قىلىپ ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇش ئۈستىدە ئىزچىل ئىزدىنىپ، نۇرغۇن جەھەتتە مەملىكەتنىڭ ئالدىدا ماڭدى.

  ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت ‹‹شەخسلەر تۇرالغۇ جامائەت فوندىدىن قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋالغاندا دەسلەپ تۆلەيدىغان پۇلنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىنى تەڭشەش›› ئۇقتۇرۇشىنى چىقىرىشتىن بۇرۇنلا، بۇ يىل 2 – ئايدا ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ئۆي – زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى››نى ئېلان قىلىپ، ئىككىنچى يۈرۈش تۇرالغۇ ئۆيگە دەسلەپ تۆلەيدىغان پۇلنىڭ نىسبىتىنى% 30تىن% 20كە تۆۋەنلەتكەن، ھەم قەرز ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆرلەتمەي، بىرىنچى يۈرۈش ئۆينىڭ ئۆسۈم نىسبىتى بىلەن ئوخشاش قىلىپ تەڭشىگەن.

  خىزمەتچىلەرنىڭ تۇنجى ئۆيگە ئالغان تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرزى شۇ كىشىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قەرز پۇل سوممىسىغا يەتمىگەن بولسا، تۇنجى قەرز پۇلنى قايتۇرۇپ بولمىغان بولسىمۇ، يەنىلا ئىككىنچى قېتىملىق قەرزنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرز پۇلىنى تۇنجى قېتىم ئىشلىتىپ ئۆي سېتىۋالغان خىزمەتچىلەر قەرز سوممىسىنى مۇۋاپىق ئۆرلەتسە، قەرز مۇددىتىنى ئۇزارتسا بولىدۇ. ئۈرۈمچى، ئىلى، تارباغاتاي قاتارلىق جايلار قەرز پۇلنى قايتۇرۇشنىڭ ئەڭ ئۇزاق مۆھلىتىنى 25 يىلدىن 30 يىلغا ئۇزارتتى. يەنە، ‹‹خىزمەتچىلەر ئۆي سېتىۋالغاندا، بىرلا ۋاقىتتا ئاتا – ئانىسىنىڭ، بالىلىرىنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى ئىشلىتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ››، ‹‹خىزمەتچىلەر ئۆي سېتىۋالسا، ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندى ھېساباتىدىكى قالدۇق سوممىنى چىقىرىۋېلىپ، ئالدىن تۆلەيدىغان نەق پۇلنى تۆلەپ بولغاندىن كېيىن، تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرز پۇلىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ››... دەپ بەلگىلىدى.

  تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باشقارمىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل كىشىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئالدىنقى قېتىمقى ‹‹يولغا قويۇش پىكرى››گە سېلىشتۇرغاندا، بۇ يېڭى سىياسەتتە ئومۇميۈزلۈك ئېتىبار كۆپەيتىلىپ، فوندنى ئېلىش دائىرىسى كېڭەيتىلگەن. مەسىلەن: خوجىلىق باشقۇرۇش ھەققى ئۈچۈن فوندنى ئېلىش دائىرىسى تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەردىن ئادەتتىكى نورمال خىزمەتچىلەرگە كېڭەيتىلگەن. ئۆي بېزىگەندە فوندنى ئىشلىتىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە كۆپەيتىلگەن بولۇپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرزى بولماسلىق، ئۆيىنى زىننەتلەۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىش شەرتى بىلەن، ئادەتتىكى تۇرالغۇ ھوقۇقى ئىسپاتىنى ئالغان كۈندىن باشلاپ، ئۆزىنىڭ ياكى جورىسىنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى مەلۇم نىسبەتتە بىر قېتىم چىقىرىپ ئۆينى بېزەشكە ئىشلەتسە بولىدىكەن.

  تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرزىنى باشقا جايدا ئېلىش سىياسىتىدە، ئاممىغا يېڭىدىن تاللاش ھوقۇقى بېرىلدى. مەسىلەن: خىزمەتچى A شەھەردە تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى تاپشۇرۇپ،B شەھەردە ئۆي سېتىۋالماقچى بولسا، B شەھەردىكى تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزىگە بېرىپ تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرز پۇلىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ياكى بىۋاسىتەA شەھەردىكى تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزىگە بېرىپ قەرز پۇل ئىلتىماس قىلىپ، سېتىۋالغان ئۆينى B شەھەردىكى ئۆي – مۈلۈكنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا بېرىپ رەنىگە قويۇش رەسمىيىتىنى بېجىرسە بولىدۇ.

  يېڭى سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈنۈم يارىتىشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىز ئۆي – زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر يۈرۈش سىياسەتنى ئېلان قىلىپ، بازار ئىشەنچىسىنى چىڭىتىپ، تەرەققىيات يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. لېكىن سەل قاراشقا بولمايدىغان مەسىلە شۇكى، بەزى سىياسەتلەر ‹‹ئەڭ باشتىكى بىر كىلومېتىر››دىن چىقىپ، ‹‹ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر››غا بارالمىغان. بۇ سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىپ، ھەقىقىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشىگە قانداق كاپالەتلىك قىلىنىدۇ ۋە ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ؟

  مەسئۇل خادىم مۇنداق دېدى: قىسمەن رايونلاردىكى تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرز نىسبىتى يۇقىرى، مەبلەغ قىس بولۇش مەسىلىسىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، ‹‹ئۇقتۇرۇش››تا ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز، بىرىكمە قەرز، تۇرالغۇ جامائەت فوندىدىن تاۋار ئۆيگە قەرز بېرىش ۋە قىسقا مەزگىللىك قەرز قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ قەرز ئېلىش ئېھتىياجى قاندۇرۇلىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ مەبلەغ غەملەش خىراجىتى ۋە ئۆسۈم پەرقى تولۇقلىمىسىمۇ تۇرالغۇ جامائەت فوندىدىن چىقىم قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەبلەغ ئىشلىتىشنى تەرتىپكە سېلىش مېخانىزمى قۇرۇلدى.

  بۇ مەسئۇل كىشى مۇنداق دېدى: بەزى رايونلاردا تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرز نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى، ئايلانما مەبلەغ يېتىشمەيدۇ، ئەكسىچە يەنە بەزى جايلاردا جۇغلانما مەبلەغ كۆپ، مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتى تۆۋەن بولماقتا. تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، جايلاردىكى تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقۇرۇش مەركەزلىرى باراۋەر، ئىختىيارىي، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈش، قەرەلى چەكلىك بولۇش پىرىنسىپى بويىچە مەبلەغنى ئۆز ئارا يۆتكىسە بولىدۇ.

  مەبلەغ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، ‹‹ئۇقتۇرۇش››تا كەسىپ ھالقىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى ئېلىشتا، ئىشچى – خىزمەتچىنىڭ خىزمەت ئورنى تەكشۈرۈپ دەلىللەش ۋە دەسلەپ پۇل تاپشۇرغان ئىسپات بىلەن تەمىنلەش ھالقىلىرىنى بىكار قىلىش؛ ئۆي – زېمىن باشقۇرۇش تارماقلىرى تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرزى بېجىرىشتە قولايلىق يارىتىپ، ئون خىزمەت كۈنى ئىچىدە رەنىگە قويۇش، تىزىملاش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولۇش؛ قەرز بېرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلسە، ھاۋالە قىلىنغۇچى، ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى بانكا بەش خىزمەت كۈنىدە بارلىق مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ بولۇش بەلگىلەندى.

  بۇ مەسئۇل كىشى يەنە: تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى سىياسىتى ئەمدىلا ئېلان قىلىندى، ئەمەلىيلىشىشكە ئازراق ۋاقىت كېتىدۇ، دېدى.

  ئىگىلىنىشىچە، ھازىرقى سىياسەت ئەمەلىيلىشىش جەريانىدا يەنە نۇرغۇن مەسىلىگە دۇچ كېلىدىكەن. مەسىلەن: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 9 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ بويتاقلىق ئىسپاتى چىقىرىپ بەرمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇش قىلغان. لېكىن ئۆي – زېمىن گۇۋاھنامىسى ۋە تۇرالغۇ ئۆي قەرزى بېجىرىشتە ئاۋۋالقىدەكلا ئۆي سېتىۋالغۇچىنىڭ بويتاقلىق ئىسپاتى لازىم بولىدىكەن. يېڭى سىياسەتنىڭ مۇشۇنداق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى ئۈچۈن ئازراق جەريان كېتىدۇ. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ‹‹ئۇقتۇرۇش››قا ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك مەشغۇلات تەپسىلىي پىرىنسىپلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ تۈزۈۋاتىدۇ. مەسئۇل خادىم: يېڭى سىياسەتنىڭ ھەرقايسى جايلاردا ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندىنىڭ تۇرالغۇغا كاپالەتلىك قىلىش، ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىكى رولى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇلىدۇ، دېدى. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر