باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ماۋرىتانىيە ئۆز دۆلىتىنىڭ بىرەر پۇقراسىنىڭمۇ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە قاتناشمىغانلىقىنى بىلدۈردى

2015.12.01 09:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ماۋرىتانىيە زۇڭتۇڭى ئەزىز 28- نويابىر كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: مېنىڭ بىلىشىمچە، ماۋرىتانىيەدە بىرەر پۇقرامۇ ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە قاتناشمىغان. ئەزىز مۇنداق دېدى: ماۋرىتانىيەدە ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ياكى باشقا تېررورچى تەشكىلاتلار ئادەم قوبۇل قىلىدىغان مەسچىت يوق، ھەمدە بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر ماۋرىتانىيەنىڭ دۆلەت ئوبرازىغا قەستەن داغ تەگكۈزگەنلىك. فىرانسىيە تاراتقۇلىرى بۇندىن ئىلگىرى ماقالە ئېلان قىلىپ، ئەزىز ھاكىمىيىتى بازا تەشكىلاتىنىڭ پايتەخت نۇۋاكشوتدىكى مەسچىتتە تېررورچىلارنىڭ ئادەم قوبۇل قىلىشى ھەرىكىتىگە كۆرمەسكە سالدى دېگەن. ماۋرىتانىيەنىڭ قوشنىسى مالى تەۋەسىدە دىنى ئەسەبىي قوراللىق تەشكىلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن قوراللىق تەشكىلاتلار بار.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر