باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاۋات ناھىيەلىك دۆلەت باج ئىدارىسى «قوش تىللىق مۇلازىمەت كۆزنىكى» ئارقىلىق ئاممىغا قولايلىق ياراتتى

2015.11.27 18:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، تۇرغۇن مىجىت، ئەركىن ئابدۇرېھىم خەۋەر قىلىدۇ) ئاۋات ناھىيەلىك دۆلەت باج ئىدارىسى 2015-يىلى 11-ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ،باج مۇلازىمەت زالىدا«قوش تىللىق مۇلازىمەت كۆزنىكى» تەسىس قىلىپ باج تاپشۇرغۇچىلارغا قولايلىق شارائىت يارىتىپ بەردى.

  ئاۋات ناھىيەلىك دۆلەت باج ئىدارىسى ناھىيە تەۋەسىدىكى سودىگەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئاز سانلىق مىللەتلەردىن بولۇش، دۆلەت تىلىنى مۇكەممەل بىلمەسلىك، باج مۇلازىمىتى، باج تاپشۇرۇش ۋە باجغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەردىن مەسلىھەت سورىشىدا تىل ئۆتكىلىدە قىيىنچىلىققا ئوچۇرشىغا قارىتا بۇ ئىدارىدىكى رەھبەرلەر مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق كەڭ ئاممىغا، كەڭ تىجارەتچىلەرگە ۋە كەڭ سودا-سانائەتچىلەرگە قوللاي شارائىت يارتىپ بىرىش ئۈچۈن باج مۇلازىمەت زالىدا « قوش تىللىق مۇلازىمەت كۆزنىكى» قۇرۇپ، خەنزۇ تىلى بىلمەيدىغان ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ، باج ئىشلىرى كەسپىنى بىجىرىشتىكى قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلدى. ئاۋات ناھىيەسىنىڭ پاختا شەھەرى ئۇنىۋېرسال بازىرىدا تىجارەت قىلدىغان يەككە تىجارەتچى ئابدۇللاجان مۇنداق دېدى: بۇ كۆزنەكنىڭ قۇرۇلۇشى ھەقىقەتەن ياخشى بولدى، بۇرۇن خەنزۇ تىلىنى پۇختا بىلمىگەچكە باج تاپشۇرۇش ۋە باشقا باج مۇلازىمىتىدە قىيىنچىلىقلارغا يولۇققان، ۋاقىتنىمۇ ئۇتتۇرغان ئىدىم، ھازىر بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ھەممە ئىشلىرىمىزنى تولۇق بىجىرىپ، خاتىرجەم تىجارىتىمىزنى داۋاملاشتۇرالايدىغان بولدۇق.

  ئوقۇشىمىزچە: «قوش تىللىق مۇلازىمەت كۆزنىكى» قۇرۇلغان بۇ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە باج تاپشۇرغۇچىلار 8500 نەپەر ئادەم قېتىدىن ئېشىپ «قوش تىللىق مۇلازىمەت كۆزنىكى»دىن كەڭ ئامما تولۇق بەھرىمەن بولۇشقا قاراپ يۈزلەنگەن.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر