باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مېھىر - مۇھەببەتكە تولغان قاراقۇرۇم تېغى باغرى

−−شىنجاڭ گۇما ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قىشتىن ئامان - ئىسەن ئۆتۈش ئىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدا

2015.11.25 14:43         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل 3 - ئىيۇل شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسىدە 6.5 بال يەر تەۋرەپ، خوتەن ۋە قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئون ناھىيە، شەھەر ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىدى. يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ گۇما ناھىيەسىنىڭ ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدا ئىككى قېتىم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، قىش كىرىشتىن بۇرۇن ئاپەتكە ئۇچرىغان ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ياخشى ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ قىشتىن ئامان - ئېسەن ئۆتۈۋېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىدى.

  يېقىندا بىز ئاپەت يۈز بەرگەن گۇما ناھىيەسىنى زىيارەت قىلغاندا، قاراقۇرۇم تېغى باغرىدا ئەمىن تاپقۇزۇپ، خەلقنى بېيىتىش ئۆيلىرىنىڭ قەد كۆتۈرگەنلىكىنى كۆردۇق. قايتىدىن سېلىنغان مەكتەپلەرنىڭ ياتاق - دەرسخانىلىرىدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى ياڭراپ تۇراتتى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ چېھرىدە خۇش تەبەسسۇم جىلۋە قىلاتتى... بۇ يەردىكى ئىللىق كەيپىيات كىشىنى خۇشاللاندۇراتتى.

  يېڭىدىن سېلىنغان ئىسسىق ئۆيلەر كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتتى

  ھازىر تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارنىڭ دەل چىلان يىغىش مەزگىلى بولۇپ، گەرچە بۇ جايلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى كېچىدە نۆل سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولسىمۇ، لېكىن كۈندۈزى يەنىلا ھاۋا ئىللىق ئىكەن. بۇ نەچچە كۈندىن بۇيان، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 14 - شىسى گۇما دېھقانچىلىق مەيدانى 10 - ليەن 4 - پەينىڭ ئىشچىسى پاتەم مەمتىمىن كەنجى ئوغلى بىلەن بېغىدا ئىشلەۋاتقان بولۇپ، چىلان سودىگەرلىرى كېلىشتىن بۇرۇن چىلان قۇرۇتۇش بىلەن ئالدىراش بولدى.

  يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈزبەرگەندە، پاتەم مەمتىمىن ئائىلىسىنىڭ ئۈچ ئېغىزلىق كېسەك ئۆيى پۈتۈنلەي ئۆرۈلۈپ كەتكەنىدى. سېنتەبىرنىڭ باشلىرىدا، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ يېڭى رايونىدىكى 80 كىۋادرات مېتىرلىق كاپالەتلىك ئۆيىگە كۆچۈپ كىرىپتۇ. تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنىڭ ئۇلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئۆيى تام مەشنىڭ ئىسسىقىدا ھۈپپىدە ئىللىپ كېتىپتۇ.

  پاتەم مەمتىمىننىڭ «ئۆيىمىز ئىللىپلا قالماستىن، يەنە ليەندۈيدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ قەلبىمۇ ئىللىدى» دېگەن سۆزى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قەلب ساداسىنى ئىپادىلىدى.ئىگىلىنىشىچە، گۇما دېھقانچىلىق مەيدانى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى كاپالەتلىك ئۆيلەرگە كۆچۈرۈپ، ئۇلارغا ياخشى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش مۇھىتى ھازىرلاپ بەرگەن.

  پىشنا يېزىسى يەر تەۋرەش مەركىزىدە بولغاچقا، ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىغان. قايتا قۇرۇش جەريانىدا، يېڭىدىن 800 يۈرۈش ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى سېلىنىش بىلەن بىللە، بۇزۇلغان ئۆيلەر تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىپ رېمونت قىلىنغان. يېڭىدىن سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ كۆلىمى 80 كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، بۇ ئۆيلەرنى سېلىشقا ئىشلىتىلىدىغان مەبلەغ دۆلەت ياردەم قىلىش ۋە دېھقانلار ئۆز يېنىدىن چىقىرىش ئارقىلىق جۇغلىنىپتۇ. بىز ئەمىن ئۆيىنى زىننەتلەۋاتقان ئابلىكىم مەمتىمىننىڭ ئائىلىسىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ يېقىندىلا ئاقسۇدا پاختا تېرىپ تاپقان 7000 يۈەن پۇلىنىمۇ ئۆيىنى زىننەتلەشكە ئىشلىتىپتۇ. ئۇنىڭ ئەمىن ئۆيى كەنت ئاھالە كومىتېتىغا تېخىمۇ يېقىن بولۇپ، ئۇ بۇنىڭدىن بەك خۇش ئىكەن. ئۇ: ئۆيۈم كەنت ئاھالە كومىتېتىغا يېقىن، بۇ يەردە قىشتا مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى كۆپ ئۆتكۈزۈلىدۇ، دېدى.

  مەكتەپ ياتاقلىرى يەر تەۋرىگەندە بۇزۇلۇپ كەتكەچكە، پىشنا يېزىسى توققۇز يىللىق ئىزچىل تۈزۈمدىكى مەكتەپنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ بۆلۈمىدىكى 400دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى گۇما ناھىيەلىك 3 - ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكىلىپ ئوقۇۋېتىپتۇ. باشلانغۇچ مەكتەپ بۆلۈمىنىڭ نورمال ئوقۇتۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەكتەپ ياتاقلارنى پۇختا رېمونت قىلغاندىن سىرت، ئىلگىرىكى ئىسكىلاتنى دەرسخانىغا ئۆزگەرتىپتۇ.

  مەكتەپ مۇدىرى غوجىمەمەت ھىمىت تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مائارىپ تارمىقى مەكتىپىمىزگە 60 توننا كۆمۈر غەملەپ بەردى، بۇ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىشتىن ئىسسىق ئۆتۈشىگە يېتىدۇ. پىلان بويىچە، ئوتتۇرا مەكتەپ بۆلۈمى بىرتۇتاش چېقىلىپ قايتىدىن سېلىنىدۇ، باشلانغۇچ مەكتەپ بۆلۈمىنىڭ ئەسلىدىكى ئورنىغا يېڭىدىن ئۈچ قەۋەتلىك ئوقۇتۇش بىناسى سېلىنماقچى، كېلەر يىلى سېنتەبىردە پۈتۈپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلۇشى مۇمكىن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئۆتكۈنچى مەزگىلدىكى ۋاقىتلىق تۇرالغۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، گۇما ناھىيەسى مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن تارقاق ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، چېدىر تىكىش، ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىنىڭكىدە تۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىماسلىقىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلغان. 22 - نويابىرغىچە، گۇما ناھىيەسى ئاپەتتىن كېيىن يېزا - بازارلاردا 21 مىڭ 1 ئائىلىگە ئەمىن ئۆي سېلىپ بېرىش قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ بولاي دەپ قالغان بولۇپ، 19 مىڭ 658 ئائىلىنىڭ ئۆيى پۈتۈپ، يېزىلاردىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قىشتىن ئۆتىدىغان تۇرالغۇ ئېھتىياجى ئاساسەن ھەل بولغان.

  ئىتتىپاقلىشىپ قىيىن ئۆتكەلدىن بىللە ئۆتۈش كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتتى

  بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، ھەممە تەرەپ ياردەم قولىنى سۇندى. گۇما ناھىيەسى ئاپەتتىن كېيىن قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى باشلىغاندا، قېرىنداش ناھىيە - شەھەرلەر سېخىيلىق بىلەن ياردەم بېرىپ، كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتتى.

  يېزا - بازارلاردىكى 21 مىڭ 1 ئائىلىگە قايتىدىن ئۆي سېلىپ بەرگەندە، خوتەن شەھىرى، خوتەن ناھىيەسى، لوپ ناھىيەسى، قاراقاش ناھىيەسى 11 مىڭ ئائىلىنىڭ ئۆيىنى سېلىشقا ياردەم بەرگەن بولۇپ، 12 - نويابىرغىچە 8696 يۈرۈش ئۆي پۈتتى.

  ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جەريانىدا، گۇما دېھقانچىلىق مەيدانى تەشەببۇسكارلىق بىلەن 310 مىڭ يۈەن چىقىرىپ، گۇما ناھىيەسىنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۈەننىڭ بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنى بىرىكتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىش روھىنى نامايان قىلدى.

  زىيارەت جەريانىدا بىز ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يۇرت - ماكاننى قايتا قۇرۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قىشتىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئەڭ مۇھىم ئىش قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، بارلىق كۈچىنى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدۇق.

  ئالدىنقى بىر مەزگىلدە پىشنا يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى لۇ كەيلۈن بەك تىت - تىت بولۇپ كەتكەنىدى. چۈنكى يېزا بويىچە 800 يۈرۈش ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى سېلىش ۋەزىپىسىنى چوقۇم قىشتا قۇرۇلۇش توختىتىشتىن بۇرۇن تاماملاش زۆرۈر ئىدى. لۇ كەيلۈن كەسكىنلىك بىلەن: ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ. ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قىشتىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئەڭ مۇھىم ئىش، دېدى.

  شەھەر - بازارلاردىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قىشتىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، گۇما ناھىيەسى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان 6000 يۈرۈش ئۆينى مۇددەتتىن بۇرۇن سېلىشقا باشلىغان بولۇپ، ھازىر ناھىيە بازىرىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان 2286 ئائىلە يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، گۇما ناھىيەسى ئاپەتتىن كېيىن قايتا قۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، 2016 - يىلى 4000 يۈرۈش ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيى سالىدىغانلىقى، كەپىلىك رايوندىكى 11 مىڭ يۈرۈش ئۆينى ئۆزگەرتىپ سالىدىغانلىقى، ناھىيە بازىرىدىكى بارلىق كەپىلىك رايونلار ۋە خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىپ سېلىشنى تاماملايدىغانلىقىنى يۇقىرىغا دوكلات قىلدى.

  گۇما ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى دېرۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قىشتىن ئىسسىق ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ياغ، گۈرۈچ، ئۇن قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى تارقاتقاندىن سىرت، 3000 توننا كۆمۈر سېتىۋېلىپ، ھەر قايسى يېزا - بازارلارغا ھەقسىز تارقىتىپ بەردى. ھەر قايسى يېزا - بازارلارمۇ ئۆزى مەبلەغ توپلاپ كۆمۈر، گۈرۈچ، ئۇن ۋە ياغ قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قورسىقى توق بولۇشى، قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

  بىز زىيارەت جەريانىدا ھەقسىز كۆمۈر تارقىتىۋاتقان مەنزىرىنى كۆردۇق. پىشنا يېزىسى جايتوغراق كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئالدى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتكەنىدى. كەنت ئاھالىلىرى توكسېكلىت ياكى ئېشەك ھارۋىلىرىنى ھەيدەپ، كەنت ئاھالە كومىتېتىغا كۆمۈر ئالغىلى كەلگەنىدى. تارقىتىشنىڭ ئادىل بولۇشى ئۈچۈن، كەنت ئاھالە كومىتېتى جاپادىن قورقماي، مەخسۇس تارازا قويۇپ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ 500 كىلوگرام كۆمۈرنى تولۇق ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىپتۇ.

  كەنت پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى ئابلا قۇربان: ھەر قېتىم ماددىي بۇيۇملارنى تارقاتقاندا، پارتىيەلىك كادىرلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن كەينىدە تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئاۋۋال ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى، دېدى.

   تولۇق ئىشەنچ بىلەن ھاللىق تۇرمۇشقا يۈرۈش قىلىش

  قادىر ئەلى پىشنا يېزىسىدىكى قايتا قۇرۇشتا ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش يېڭى ئۆيىگە تۇنجى تۈركۈمدە كۆچۈپ كىرگەن كەنت ئاھالىسى. ئۇ يېڭى ئۆيىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى قۇربان ھېيتنى ئۆتكۈزۈپتۇ. تۆت مولا ياڭاقلىقى بار ئۇيغۇر دېھقان ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان ئىش ئىدى.قادىر ئەلىنىڭ كېسەك ئۆيى يەر تەۋرىگەندە پۈتۈنلەي ئۆرۈلۈپ كەتكەن بولۇپ، بىر ئاي ئىچىدە، كونا ئۆيىنىڭ ئورنىغا يېڭىدىن ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى سېلىنغان. گەرچە ئۇ دۆلەتنىڭ ياردەم مەبلىغىدىن بەھرىلەنگەن بولسىمۇ، يېڭى ئۆي سالغاندا ئۆيىدىكى پۇلىنىڭ ھەممىسىنى خەجلەپ بوپتۇ. لېكىن ئۇ: كېلەر يىلى يېڭى ئۆينىڭ سىرتىغا يەنە چاقچۇق چاپلايمەن! دېدى.

  قادىر ئەلى يېقىنقى يىللاردا يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە كەنتكە چۈشكەن كادىرلارنىڭ ياردىمىدە، باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، دەسلەپتە باققان بىر كالىسى ھازىر تۆتكە يېتىپ، قويى 20دىن ئېشىپ، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغان.

  قادىر ئەلى: ئاپەتكە ئۇچرىغان بولساقمۇ، كومپارتىيە رەھبەرلىكى بولسىلا، گۇما ناھىيەسى چوقۇم تېز تەرەققىي قىلىپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ، دېدى.

  گۇما ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شېن يى مۇنداق دېدى: دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا قاراتقان ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنىڭ كەينى - كەينىدىن يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، گۇما ناھىيەسى چوقۇم مىللىي رايوننىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ، مىللىي رايوننىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ تېزلىتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر يەڭدىن قول چىقىرىدۇ.گۇما ناھىيەسىدىكى ئامما بۇ يىل قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزىدىغان بولدى. ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونىدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبى ئۈمىد ۋە ئىشەنچكە تولدى!


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر