باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش «تىلخېتى» بىر كىشىنىمۇ نامرات قويماسلىقتەك ئىرادىنى نامايان قىلدى

2015.11.25 14:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى.

  23-نويابىر ئېچىلغان ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ يىغىنىدا دېيىلگەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭگودىكى 700 مىليون نامرات نوپۇسقا نىسبەتەن ئەڭ ئىللىق ۋە ئۇلار ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان ئىش.

  ئىلگىرىكى «نامراتلارنى يۆلەش»تىن «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش»، خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىدىن «مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە»، ۋەزىپە بېرىشتىن بۇيرۇق چۈشۈرۈشكىچە ئالاقىدار بايانلار قاتلاممۇ قاتلام چوڭقۇرلىشىپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماسلىقتەك پاراسەت، جۈرئەت ۋە تەلتۆكۈس ھەل قىلىپ بىر كىشىنىمۇ نامرات قويماسلىقتەك ئىرادىنى نامايان قىلدى.

  «2020-يىلى دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئۆلچىمى ئاساسىدا يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ قالپىقىنى پۈتۈنلەي ئېلىپ تاشلاپ، رايون خاراكتېرلىك نامراتلىقنى تۈگىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك» كىشىلەرنى ئىلھاملاندۇردىغىنى پەقەت ئارزۇلا ئەمەس. ئىككى مۇھىم مەسىلە بار، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كېرەكمۇ-يوق؟ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغىلى بولامدۇ-يوق؟

  بۇ ئىككى مەسىلە ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ يىغىنىدا مۇئەييەن جاۋابقا ئېرىشتى: «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئومۇمىي خەلقىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن بەڭ بەھرىمان قىلىپ، ئورتاق بېيىشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرىدىغان مۇھىم تەدبىر، شۇنداقلا ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقان يېڭى نورمال ھالەتتە ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىي ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم يول» −−− بۇ «كېرەكمۇ-يوق»قا بېرىلگەن جاۋاب؛«2014-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئۆلچىمى ئاساسىدا يەنىلا 7 مىليوندىن كۆپرەك نامرات كىشى بار، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق، 50 مىليون ئەتراپىدىكى نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، 20 نەچچە مىليون كىشىنى يېزا تۆۋەن كاپالەت تۈزۈمىنىڭ قاپلاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى بولۇپمۇ نامرات رايونلاردىكى پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى دەرىجىمۇ-دەرىجە تىلخەت بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قاتلاممۇ-قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.» −−−− بۇ «قۇتۇلدۇرغىلى بولامدۇ-يوق»نىڭ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇشى.

  «تىلخەت»نى ھەقىقىي ھۆججەتكە ئايلاندۇرۇش ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ، بۇ بىر رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە تاماملاش-تاماملىيالماسلىقىنىڭ ئالاقىدار رەھبىرىي كادىرلارنىڭ «مەنسىپى» بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. جۇڭگونىڭ سىياسىي ئېكولوگىيەسىدىن ئېيتقاندا، بۇنداق تىلخەتكە ھېچقانداق ئەمەلدار سەل قارىمايدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر