باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش يولىنىڭ 1–نومۇرلۇق لىنىيەسى تۇنجى قېتىم رايون ئارىلىقىدا تۇتاشتۇرۇلدى

2015.11.19 13:51         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12 – نويابىر ‹‹جۇڭتيېلوڭ›› قۇرۇلۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈستىگە ئالغان ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش يولى 1 – نومۇرلۇق لىنىيەسىنىڭ 13 – توختام بۆلىكى، يەنى ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى بېكىتىدىن مەرھابا يولى ئېغىزى بېكىتىگە بولغان رايون ئارىلىقىدا قوش يۆنۈلۈشلۈك لىنىيە تۇتاشتۇرۇلدى، بۇ رېلىسلىق قاتناش يولى 1 – نومۇرلۇق لىنىيەسىدە تۇنجى قېتىم قوش يۆنىلىشلىك لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارىلىقىدىكى تونېل ھېسابلىنىدۇ.

  13 – نويابىر، مۇخبىرىمىز 24 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى يەر ئاستىدا تونېلنىڭ ئېگىزلىكى 6.12 مېتىر، كەڭلىكى 5.8 مېتىر ئىكەنلىكىنى، 850 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئوڭ لىنىيەنىڭ شىمالىي رايونى مەرھابا يولى ئېغىزى بېكىتى بىلەن تۇتاشقانلىقىنى، مەرھابا يولى ئېغىزى بېكىتىدە ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلمىلىرىنىڭ پۈتكەنلىكىنى، 610 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تونېلدا ئاق رەڭلىك سۇ سىڭمەس تاختىلارنىڭ ياتقۇزۇلۇپ بولۇنغانلىقىنى، تونېلنىڭ تەكتىگە 8 سانتىمېتىر قېلىنلىقتىكى يەر ئاستى سۇ سىڭمەس قىستۇرما قەۋەت ياتقۇزۇلغانلىقى، قالغان 240 مېتىر ئارىلىق ئىچىدە، پولات چىغ ياتقۇزۇلغان تونېلنىڭ ئىچكى تېمىغا بېتون ئۇرۇلىۋاتقانلىقىنى، تۇتاشتۇرۇلغان سول لىنىيەگە سېمونت لاي قويۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆردى.

  رېلىسلىق قاتناش يولى 1 – نومۇرلۇق لىنىيەسىنىڭ 13 – توختام بۆلىكى ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى بېكىتى، مەرھابا يول ئېغىز بېكىتى ئارىلىقىدىن تەركىب تاپىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 1306 مېتىر كېلىدۇ، قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇمىي پۈتۈش قىممىتى 397 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ. قۇرۇلۇش مۇددىتى 2014 – يىلى 3 – ئايدىن 2017 – يىلى 6 – ئايغىچە بولىدۇ. ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى بېكىتى يەر ئاستىكى ئىككى قەۋەتلىك (قىسمەن يەرلىرى ئۈچ قەۋەتلىك) ئايلانما بېكەت بولۇپ، 1 – نومۇرلۇق لىنىيەدىن 5 – نومۇرلۇق لىنىيەگە ئالمىشىدىغان بېكەت ھېسابلىنىدۇ. پىلان بويىچە، ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى بېكىتىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى 11 – ئايدا پۈتىدۇ. 2016 – يىلى بېكەتنىڭ بارلىق يانداشما قۇرۇلمىلىرى پۈتكۈزۈلۈپ، 2018 – يىلى شىمالىي لىنىيەدە سىناق تەرىقىسىدە قاتناش باشلاش نىشانىغا يېتىشكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر