باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىرانسىيە زۇڭتۇڭى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سەۋەبى بىلەن قىزىل رەقەمنى ئازايتىش نىشانىنى كېچىكتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى

2015.11.19 13:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىرانسىيە زۇڭلىسى ۋاللىس 17- نويابىر مۇنداق دېدى: فىرانسىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا مالىيە چىقىمىنى كۆپەيتىشكە مەجبۇر بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەسلىدە 2017- يىلى مالىيە قىزىل رەقىمىنى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %3 دىن تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كېچىكتۈرىدۇ. ۋاللىس شۇ كۈنى فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: بىز مۇشۇنداق قىلمىساق بولمايدۇ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بۈگۈن بىزنى چۈشىنىشى كېرەك ، تېررورلۇققا قارشى كۈرەش فرانسىيەگىلا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالماستىن، شۇنداقلا پۈتكۈل ياۋروپاغا مۇناسىۋەتلىك. 2014- يىلى، فىرانسىيە قىزىل رەقەمنى ئازايتىشنى دەل ۋاقىتىدە ئۆلچەمگە يەتكۈزەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىساد ئىشلىرىغا مەسئۇل مەخسۇس خادىمى موسكۋىچ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى فىرانسىيەنىڭ قىزىل رەقەمنى ئازايتىش مۇساپىسىنى كېچىكتۈرۈشىنى چۈشىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر