باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۈمە كۈنىدىن باشلاپ يانفوندا سۈرەتكە تارتىش ئارقىلىق قاتناش ۋەقەلىرى بىر تەرەپ قىلىنىدۇ

2015.11.18 14:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھىرى جۈمە كۈنىدىن باشلاپ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ قاتناش ۋەقەسىنى توردا بىر تەرەپ قىلىدۇ. بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ج خ قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى، بېيجىڭ شەھەرلىك سۇغۇرتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى، بېيجىڭ سۇغۇرتا كەسپى جەمئىيىتى بىرلىكتە تۈنۈگۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، 20-نويابىر(جۈمە)دىن باشلاپ «ۋەقەنى eدا بىر تەرەپ قىلىش» يانفون تېرمىنالىنى يولغا قويۇپ، تەخمىنەن بەش مىنۇتنىڭ ئىچىدە قاتناش ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىپ، ھۆكۈمەت يانفون APPسىدىن پايدىلىنىپ قاتناش ۋەقەسىنى تېز بىر تەرەپ قىلىشتەك يېڭى ئەندىزىنى ياراتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئىگىلىنىشچە، بۇ بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ «قاتناش قىستاڭچىلىقىنى يەڭگىللىتىش مەخسۇس ھەرىكىتى»نى قانات يايدۇرۇشتىكى بىر قاتار تەدبىرلىرىنىڭ بىرىكەن.

  تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تېخنىك خادىملار ئىككى ئاپتوموبىلنىڭ سوقۇلۇش ۋەقەسىنى تەقلىد قىلىپ، «ۋەقەنى eدا بىر تەرەپ قىلىش» يانفون تېرمىنالىنى قانداق ئىشلىتىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن، ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشقا تەخمىنەن بەش مىنۇت كەتكەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر