باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بان كېمون بىرمېدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ھەمكارلىشىش توغرىسىدا سۆزلىشىشنى تەكىتلىدى

2015.11.19 13:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كېمون 17- نويابىر بېرما مەملىكەتلىك دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى ئانسانسۇكى بىلەن تېلېفونلىشىپ، بېرمىدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ھەمكارلىشىشىنى ۋە كەڭ قورساقلىق بىلەن سۆزلىشىشنى تەكىتلىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى ئىشخانىسى شۇ كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: بان كېمون، بۇ تەدبىرنىڭ بېرمىنىڭ ئىسلاھات مۇساپىسىدىكى ئاچقۇچلۇق پەيت بولۇپ، بېرمىنىڭ تەرەققىي قىلىپ كەڭ قۇرساق، ئىناق، كۆپ مىللەتلىك، كۆپ دىنلىق دېموكراتىك دۆلەتكە ئايلىنىشنى ھەقىقىي مۇمكىنلىك بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ، شۇڭا، ھەر قايسى مىللەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، دىن، ئاز سانلىق مىللەت كوللېكتىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بېرمىدىكى بارلىق مەنپەئەتدار تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىشىش ۋە كەڭ قورساقلىق بىلەن سۆزلىشىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىرمىنىڭ دېموكراتىك ئىسلاھاتى جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىنى داۋاملىق قوللايدۇ دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر