باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىرانسىيە گۇمانلىق تېررورچىدىن سەككىزنى قولغا ئالدى

پارىژدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى پىلانلىغۇچىسى تېخى تۇتۇلمىدى

2015.11.19 18:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: فىرانسىيە پارىژنىڭ تەپتىش ئەمەلدارى مولىن 18-نويابىر كەچ مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: فىرانسىيەنىڭ ئالاھىدە قىسمى شۇ كۈندىكى پارىژنىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى سەئىنت دېنىس شەھىرىدە تېررورلۇققا قارشى تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىدە، سەككىز گۇمانلىق تېررورچىنى قولغا ئالدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە 13-نويابىر پارىژدىكى بىر قاتار تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى پىلانلىغۇچىسى ئابدۇللا خەمىد ئاباھۇد بايقالمىدى.


  مولىن مۇنداق دېدى: پارىژدىكى بىر قاتار تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى بىلەن چېتىشلىق قېچىپ يۈرگەن سالاخ ئابدۇللا سالاممۇ بۇ قېتىمقى تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىدە تۇتۇلمىدى. ساقچى تەرەپ 16-نويابىر ئابدۇللا خەمىد ئاباھۇدنىڭ فىرانسىيە چېگراسىدا ئىكەنلىك ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ تېررورلۇق گۇرۇھىنىڭ سەئىنت دېنىس شەھىرىدە يوشۇرۇنغان ئورنىنى تاپتى ۋە ھۇجۇم قىلىشنى قارار قىلدى. نەق مەيدان ئەھۋالىدىن قارىغاندا، شۇ كۈنى تۇتۇلغان بۇ تۈركۈم گۇمانلىق تېررورچىلار يېڭى تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانىكەن، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ كىشى ۋە بىر جەسەتنىڭ سالاھىيىتى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.


  مولىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئابدۇللا خەمىد ئاباھۇدنىڭ تېلېفون خەۋەرلىشىشى ۋە بانكا ئۇچۇر تەھلىلىگە ئاساسلانغاندا، بۇ كىشى ئەسەبىي تەشكىلات «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ ياۋروپادىكى پىلانلىغۇچىسى بولۇپ كۆپ قېتىم تېررورلۇق ھۇجۇمىغا تەشكىللىگەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)


  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر