باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

3 تىرىليون يۈەن مەدەنىيەت ئىستېمالى يوچۇقىنى قانداق تولۇقلاش كېرەك؟

«13-بەش يىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپلەردىن مەدەنىيەت ئىستېمالىنى جانلاندۇرۇشقا نەزەر

2015.11.19 18:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چەت ئەلنىڭ ماللىرىنى سېتىۋالالايدىغان، دۆلەت ھالقىپ ساياھەت قىلالايدىغان بولۇپ ئاھالىنىڭ ئىستېمال سەۋىيەسى ئۆسۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا مەدەنىيەت ئىستېمالى يەنىلا تۆۋەن سەۋىيەدە تۇردى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان مەدەنىيەت ئىستېمالى كۆرسەتكۈچ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشچە، ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئەمەلىي ئىستېمال كۆلىمى ۋە يوشۇرۇن ئىستېمال كۆلىمى ئارىسىدا 3 تىرىليون يۈەن يوچۇق باركەن.


  «جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىپ، مەدەنىيەت كەسپىنى خەلق ئىگىلىكىنىڭ تۈۋرۈك كەسپىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.» يېقىندا ئېلان قىلىنغان «13-بەش يىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپلەردە مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى نىشان تەلىپى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.


  مەدەنىيەت ئىستېمال بازىرىنى جانلاندۇرۇشقا يەنە قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟


  مەدەنىيەت ئىستېمالىدىكى ئىككى چوڭ زىددىيەت كۆرۈنەرلىك بولدى
بىر مەزگىلدىن بۇيان، مەدەنىيەت ئىستېمالىغا تۈرتكە بولۇش تەدبىرلىرى زىچ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، جۇڭگو مەدەنىيەت بازىرىدا يارقىن نۇقتىلارمۇ ئاز ئەمەس:


  7-ئاي قويۇلغان «ئۇستاز قايتىپ كەلدى» دېگەن كىنو كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرۇپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدا ياخشى تەسىر قوزغىدى؛ «ئالۋاستى تۇتۇش خاتىرىسى»نىڭ بىلەت باھاسى 2 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئېلىمىزنىڭ ئادەم بىلەن كارتوننى بىرلەشتۈرۈشىدىكى ئىزدىنىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى؛ «ئالاقە تورى+» ئۇقۇمى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەدەنىيەت كەسپى تەرەققىياتىنىڭ بۇرغىسىنى چالدى، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئون نەچچە ئوتتۇرا، كىچىك كارتون كارخانىلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا «يېڭى سەنبەن»گە كىردى...
دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا سالغان مەبلىغى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ 2014-يىللىق مەدەنىيەت تەرەققىيات ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتى»دا كۆرسىتىلىشچە، مەملىكەت بويىچە مەدەنىيەت ئىشلىرى سوممىسى 2013-يىلدىكىدىن %10 ئاشقان، كىشى بېشى ئوتتۇرىچە مەدەنىيەت ئىشلىرى سوممىسى 2013-يىلدىكىدىن %9.4 ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى GDPنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن تېز بولغان.
مەدەنىيەت كەسىپلىرىنىڭ كىچىك قەدەمدە، تېز تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتى كۆرۈنەرلىك بولدى، لېكىن مەدەنىيەت ئىستېمالى ساھەسىدىكى ئىككى زىددىيەتكە سەل قارىغىلى بولمايدۇ.


  مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان «جۇڭگو مەدەنىيەت ئىستېمال كۆرسەتكۈچى(2013)» دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشچە، ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئىستېمالى يوشۇرۇن كۆلىمى 4 تىرىليون 700 مىليارد يۈەن، ئەمەلىي ئىستېمالى ئاران 1 تىرىليون يۈەن بولۇپ، ئارىدىكى يوچۇق 3 تىرىليون يۈەن ئىكەن، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ 2014-يىلدىكى بۇ يوچۇقىمۇ 127 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىدىكەن، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 2014-يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتىغا كۆرسىتىلىشىچە، 2012-يىلى ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى %3.48كە ئۆسكەن، مەملىكەت بويىچە شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ مەدەنىيەت ئىستېمال نىسبىتى %2.20 تۆۋەنلىگەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)


  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر