باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خەلققە قولايلىق 94بالىلار باغچىسى مۇكاپات ياردىمىگە ئېرىشتى

شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش كۆچمە نوپۇستىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ بالىلار باغچىسىغا كىرىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى

2015.11.20 13:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19 - نويابىر، شەھەرلىك مائارىپ خىزمەت كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ئېزىز جىلىل شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا خىزمەتتىن دوكلات قىلغاندا مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى 39مىليون 980مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، جەمئىيەتتىكى خەلققە قولايلىق، ئوقۇش ھەققى تۆۋەن 94پۇقراۋى بالىلار باغچىسىنى مۇكاپات ياردەم مەبلىغى بىلەن تەمىنلىدى، شەھەرگە كىرىپ ئىشلەۋاتقانلارنىڭ بىللە كەلگەن پەرزەنتلىرىنىڭ يەسلىگە كىرىش مەسىلىسى ھەل قىلىندى.

  ئىستاتىستېكا قىلىنىشىچە، بۇيىل 9-ئايغىچە شەھىرىمىزدىكى بالىلار باغچىسى سانى جەمئىي 340گە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە خەلق باشقۇرۇشىدىكى بالىلار باغچىسى 256گە يەتكەن؛ شەھەر بويىچە 3ياشتىن 5ياشقىچە بولغان ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ ئومومىي سانى تەخمىنەن 57000ئادەم، كۆچمە نوپۇس بىللە ئېلىپ كەلگەن پەرزەنتلىرىنىڭ يەسلىگە كىرىش نىسبىتى بالىلار باغچىسىغا كىرگەن بالىلارنىڭ % 35ىنى ئىگەللىگەن.

  ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شەھىرىمىزنىڭ كۆچمە ئاھالە بىللە كۆچۈپ كەلگەن پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى ئىگىلىگەن نىسبىتى ۋە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى كۆچمە ئاھالە بىللە ئېلىپ كەلگەن پەرزەنتلىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭ ، پۈتۈن شەھەردىكى ھەرقايسى بالىلار باغچىلىرى ئۆزلىرى مۇستەقىل ھالدا كۆچمە ئاھالە بىللە ئېلىپ كەلگەن پەرزەنتلىرىنىڭ يەسلىگە كىرىشىگە چەك قويمىغان.شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يەنە سايباغ رايونى شىسەن قۇياش نۇرى ۋېيسەي بالىلار باغچىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 - يەسلى قاتارلىق ئورۇنلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆتكۈر ئابدۇراخمان يول باشلىدى. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر