باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ مانىلادا شىياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لياڭ جېنيىڭ بىلەن كۆرۈشتى

2015.11.19 16:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن مانىلادا ئاسىيا تېنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى 23-نۆۋەتلىك رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لياڭ جېڭيىڭ بىلەن كۆرۈشتى.


  شى جىنپىڭ لياڭ جېڭيىڭنىڭ شىياگاڭنىڭ يېقىندا مەزگىلدىكى ۋەزىيىتى ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئىقتىساد ۋە خەلق تۇرمۇشىغا يۆتكەپ، شىياڭگاڭ جەمئىيىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىنىڭ پائال ئىنكاسىغا ئېرىشتى. مەركىزىي ھۆكۈمەت سىز ۋە ئالاھىدە رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ. ئالاھىدە رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ شياڭگاڭ جەمئىيىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىنىڭ تەرەققىيات ئورتاق قارىشىنى مۇجەسسەملەپ، ئىقتىسادنى تىرىشىپ راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە، دۆلەتنىڭ 13-بەش يىللىق پىلاننى تۈزۈش، بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش قاتارلىق ئىشلىرى ئېلىپ كەلگەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، شىياڭگانىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىياتىنى يەنىمۇ پىلانلىشى ۋە ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر