باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «يېتەكچى پىكىر» ئېلان قىلدى

تۇرمۇش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك

2015.11.23 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «تۇرمۇش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىستېمال قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش توغرىسدىكى يېتەكچى پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يېتەكچى پىكىر» دېيىلىدۇ)نى تارقاتتى، بۇ ئېلىمىزنىڭ تۇرمۇش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كەسپى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى تۇنجى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق سىياسەت خاراكتېرلىك ھۆججىتى بولۇپ، ئاممىنىڭ ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تەلىپىگە ماس كېلىدىغان، تۇرمۇش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كەسپى كۆلىمى، سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما.

  «يېتەكچى پىكىر»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش، ئاممىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان تۇرمۇش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كەسپى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە، يېشىل مۇھىت ئاسراشنى قەدىرلەش، سۈپەتكە ئېتىبار بېرىش، مەدەنىيەت مەزمۇنىغا دىققەت قىلىشتەك تۇرمۇش ئىستېمال ئىدىيەسىنى زور تەشەببۇس قىلىپ، سىياسەتتە مەدەت بېرىشتە يېڭىلىق يارىتىپ، تۇرمۇش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى يېتىشتۈرۈپ، تۇرمۇش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كەسپىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىدە ئىستېمال ئېھتىياجىنى ئاشۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچلۈك تايانچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك. تۇرمۇش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئىستېمالنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىنى كۈچەيتىش؛ مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش؛ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىچە ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ سۈپەتنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سۈپەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستېمال ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر