تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ . ساۋەن مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى 21-نويابىر ساۋەن ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى، مۇسابىقىگە قاتناشقان 5000 نەپەر ماھىرغا مەيدان سىرتىدىكى 20 مىڭدىن ئارتۇق ئامما مەدەت بەردى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئەرلەرنىڭ 21 كىلومېتىرغا مارافونچە يۈگۈرۈش، ئەر، ئاياللارنىڭ يېرىم مۇساپىگە مارافونچە يۈگۈرۈش ۋە بەش كىلومېتىر ئارىلىققا مارافونچە يۈگۈرۈشتىن ئىبارەت تۈرلەرگە ئايرىلغان بولۇپ، ئەر، ئاياللار يېرىم مۇساپىگە مارافونچە يۈگۈرۈش تۈرىگە 390 ماھىر، بەش كىلومېتىر ئارىلىققا مارافونچە يۈگۈرۈش تۈرىگە 4500 دىن ئارتۇق ماھىر قاتناشقان. مۇسابىقىگە پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن يۈگۈرۈش ھەۋەسكارلىرى قاتناشقاندىن باشقا، چىڭخەي، شەندۇڭ، فۇجيەن قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ماھىرلارمۇ قاتناشقان، ئۇنىڭ ئىچىدە فۇجيەندىن كەلگەن مەملىكەت ئىچىدە نامى بار يالاڭئاياغ مارافونچە يۈگۈرۈش ماھىرى ۋۇ شەنكۈەنمۇ بار بولۇپ، ئۇ نەق مەيداندىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان، مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن تاماشىبىنلار ۋە ماھىرلار ئۇنىڭ بىلەن بەس-بەستە خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەن.