- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
10-ئايدا مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان 3808 دېلو تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى
2015.11.23 16:37 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتى 22-نويابىر ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 10-ئايدا مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان 3808 دېلو تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، 4993 كىشى بىر تەرەپ قىلىنغان، 3475 كىشى پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام بويىچە جازالانغان.
پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 31 ئۆلكە، رايون، شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇش بىڭتۇەنى، 66 مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنى، 111 مەركەز كارخانىسى، 15 مەركەزنىڭ پۇل مۇئامىلە كارخانىسىدا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئايلىق دوكلات قىلىش تۈزۈمى ئورناتتى. 2015-يىلدىن بۇيان، 31-ئۆكتەبىرگىچە مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان 27328 دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، 36699 كىشىنى بىر تەرەپ قىلدى، 23951 كىشىنى پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام بويىچە جازالىدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر