باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو، ياپونىيە، كورىيە «يەنتەي خىتابنامىسى»نى ئىمزالىدى

2015.11.25 14:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو، ياپونىيە، كورىيەنىڭ 11 شەھىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر 23-نويابىر جۇڭگونىڭ يەنتەي شەھىرىدە، شەرقىي ئاسىيا ئىقتىساد ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورگىنى رامكىسىدا، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى شەھەرلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو، ياپونىيە، كورىيە ئەركىن سودا ئۈلگە كۆسىتىش رايونىنى ئالدىن قۇرىدىغانلىقىنى بىرلىكتە جاكارلىدى. «يەنتەي خىتابنامىسى»گە ئاساسەن، شەرقىي ئاسىيا ئىقتىساد ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورگىنى رايون خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سۈپىتىدە، ئەزا شەھەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىساد-سودا، ساياھەت قاتارلىق تەرەپلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر قايسى ئەزا شەھەرلەرنىڭ ئىككى تەرەپلىك ياكى كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقىنى قوللاپ، مۇھىت قاتارلىق جۇڭگو، ياپونىيە، كورىيەلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئورتاق دۇچ كەلگەن تېمىلارنى تېرىشىپ ھەل قىلىدۇ. ھەر قايسى تەرەپلەر يەنە ئەزا شەھەرلەر خەلقئارا سودا جەمئىيەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى شۆبىلىرىنى تايانچ قىلىپ، ئەزا شەھەرلەر ئوتتۇرىسىدا سودا، ئۆز ئارا مەبلەغ سېلىش جەريانىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى كېڭىشىپ ھەل قىلىپ، سودا، مەبلەغ سېلىش، ساياھەت، سەھىيە، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر، ئېلېكتىرونلۇق سودا، سودا كۈتۈنۈش قاتارلىق ساھەلەردىكى بىر قىسىم ھەمكارلىقنى نۇقتىلىق كۈچەيتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر