- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ياپونىيەنىڭ ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنىڭ جەنۇبىي ئىشىكىدىكى بىر قول يۇيۇش ئۆيىدە پارتلاش يۈز بەردى
2015.11.23 16:29 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ يەر ۋاقتى 23-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن ياپونىيە توكيونىڭ چىيودا رايونىدىكى ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىنىڭ جەنۇبىي ئىشىكىدىكى بىر قول يۇيۇش ئۆيىدە تۇيۇقسىز پارتلاش يۈز بەرگەن. ساقچى تەرەپنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈشىدە بايقىلىشىچە، قول يۇيۇش ئۆيىنىڭ تورۇس ۋە تاملىرى پارتلاشتا بۇزۇلۇپ كەتكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسى تەرەپنىڭ ئاشكارلىشىچە، پارتلاشتا ھازىرغا قەدەر ئادەم يارىلىنىش ۋە قازا قىلغانلىق ئەھۋاللىرى بايقالمىغان. ئىگىلىنىشىچە، شۇ كۈنى ئىبادەتخانىغا كېلىپ ئىبادەت قىلغۇچىلار باشقا كۈنلەردىكىدىن كۆپ ئىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر