باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاقسۇ ۋىلايىتىمىزدە مىللىي سودا ئۇيۇشمىسى قۇرۇلدى

2015.11.23 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئالتۇنگۈل ھاشىم، ئوسمانجان ئىسمايىل خەۋىرى، فوتوسى) 14-نويابىر چۈشتىن كىيىن، ئاقسۇ مەدەنىيەت-سەنئەت مەركىزى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى، ئاپتونوم رايون، ۋېلايەت، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى، يېقىن ئەتراپتىكى قوشنا جايلاردىن كەلگەن مېھمانلار ھەمدە ۋىلايىتىمىزنىڭ سودا سېپىدىكى ئەزىمەتلەر، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى دوسىتلار بۈگۈن بۇ يەردە ئېچىلدىغان ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ يۇپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى ۋە بىرىنچى قېتىملىق ئەزالار يىغىنىغا قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەت، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  مۇراسىمدا ۋىلايەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنى قۇرۇش ھەققىدىكى تەستىقى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس نۇرئېلى يۇنۇس، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ھەيئىتى، بىرلىكسەپ بۆلۈمنىڭ باشلىقى ئەخمەت مەھەممەت، ئاپتونوم رايون، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمىگە ۋاكالىتەن ۋىلايەتلىك مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇزۇندىن بۇيان ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ يەككە، خۇسۇسىي كارخانىلارنى ۋىلايىتىمىز ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم بىر قىسىمى سۈپىتىدە زور كۈچ بىلەن يولىشى ۋە قوللىشى نەتىجىسىدە، مىللىي كارخانىلار ئۈزلىكسىز تەرەققىي قىلىپ ۋە زورىيىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى ۋە جەمىئىيەت ئىناقلىقىغا كۆرىنەرلىك توھبە قوشتى. نۆۋەتتە، ۋىلايىتىمىزدىكى مىللىي كارخانىلار گەرچە ئىنتايىن كۆپ بولسىمۇ، ئەمما تەرەققىياتى تەكشىسىز، كۆلىمى كىچىك، تارقاق ھالەتتە تۇرىۋاتىدۇ. مانا ئەمدى مىللىي سودا ئۇيۇشمىسى رەسمىي قۇرۇلدى، ئۇيۇشمىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ھەمكارلىق، ئۇيۇشۇش، ئۆزئارا ياردە بېرىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، پۇرسەتنى تۇتۇش جەھەتتە بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىپ، ۋىلايىتىمىزدىكى مىللى كارخانىلارنىڭ يەنىمۇ كۆپىيىشى ۋە سۈپىتىنىڭ يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى، مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلمىز.

  مۇراسىمدا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ 1-نۆۋەتلىك ئۇيۇشما باشلىقى، باش نازارەتچىسى، ئىجرائىيە رەئىسى، دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقلىرى ۋە باش كاتىپتىن تەركىب تاپقان رەھبەرلىك كوللېكتىپى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈلدى ھەمدە ئۇلارغا ۋەزىپىگە تەيىنلەش شەرەپ گۇۋانامىسى تارقىتىپ بېرىلدى. مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى ئادىل نىياز ئۇيۇشمىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى. ئۇ مۇندا دېدى: ئىسلاھات يولغا قۇيۇلغان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك ئېتىبارلىق سىياسەتلىرى بىلەن ۋىلايىتىمىزدە مىللىي كارخانىلار يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، ئاجىزلىقتىن كۆپىيىپ، تەرەققىي قىلۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما رايون ئاتلاپ بازار ئاچالماسلىق، ياش كارخانچىلاردا مەبلەغ، بىلىم ۋە تەجىرىبىنىڭ يېتەرسىز بولىشى، دۆلەتنىڭ ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن ۋاقتىدا خەۋەر تاپالماسلىق ۋە پايدىلىنالماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، كۆلەملىشەلمەسلىك، بازار رىقابىتىدە مەغلۇپ بۇلۇشتەك ھەھۋاللار يۈز بەرمەكتە. بۇ مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش مەقسىتىدە بىز بۇ مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنى قۇردۇق.

  ئادىل نىياز يەنە مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى 10 يىللىق تەرەققىيات پىلاننى ئوتتۇرىغا قويدى.

  مۇراسىمىدا كىشىنى ئەڭ تەسىرلەندۈردىغىنى، ئەمدىلا قۇرۇلغان مىللىي سودا ئۇيۇشمىسى ۋىلايىتىمىز تەۋەسىدىن چەت ئەل ۋە ئىچكىردىكى ئۆلكە، شەھەرلەردە ئوقۇۋاتقان، دۆلەتنىڭ قانۇن-تۈزۈمگە ئاڭلىق رىئايە قىلغان، ھەر قايسى جەھەتلەردىكى نەتىجىسى ئەلا بولغان دوكتۇر ئاسپىرانىتلىرىدىن زۇلپىيە مۇھەممەت، ماھىرە ئېزىز، بەي فەن قاتارلىق 10 ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر بىرىنى 10 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايەت مىللىي سودا ئۇيۇشمىسى بۇ يىل 3-ئايدىن بۇيان تۈرلۈك تەييارلىق، قايتا قايتا مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق 8-ئاينىڭ 22-كۈنى رەسمىي قۇرۇلىغان بولۇپ، نۆۋەتتە 58 كارخانا بۇ ئۇيۇشمىغا ئەزا بولغان، ئۇيۇشما قۇرۇلغان قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ئۇيۇشقاقلىق ۋە مائارىپنى ئەمەلىي قوللاشتەك روھىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، قىيىنچىلىقتا قالغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىككى قېتىمدا 77مىڭ يۈەن ياردەم بېرىپ، جەمىئەتتە ئىجابىي تەسىر قوزغىغان.

  مۇخبىرنىڭ تەسىراتى

  ئسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش يولىغا قۇيۇلغان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ يەككە، خۇسۇسىي ئىگلىكنى قوللاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە يەككە، خۇسۇسىي ئىگىلىكتە ئالەمشۇمۇل تەرەققىياتلار بارلىققا كەلدى، مىللىي كارخانىلارمۇ بۇنۇڭدىن مۇستەسنا ئەمەس، ئەمما باشقىلارغا سېلىشتۈرغاندا نەتىجە يەنىلا ئۇنچە زورمۇ ئەمەس. بۇ ئاساسلىقى مىللىي كارخانىلارنىڭ كۆلىمى كىچىك، كارخانا قۇرغۇچىلارنىڭ بىلىم سەۋىيەسى ۋە تېخنىكا تەركىبىنىڭ تۆۋەن، مەبلەغنىڭ كەمچىللىكى تۈپەيلىدىن، بازار خېيىم-خەتىرىگە تۇرالماسلىق قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ. ۋىلايىتىمىزدە مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ قۇرۇلۇشى بازار رىقابىتى بارغانسېرى كەسكىن بولىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، دەل ئاشۇنداق پايدىسىز ئامىللارنى تۈگىتىپ، بىرلىكتە ئەقىل، چارە ۋە كۈچ تېپىپ، بازار خېيىم-خەتىرنى يېڭىشكە قۇدرەتلىك ئەقلىي ۋە ماددىي كۈچ ھازىرلاشتىن ئىبارەت.

  يېقىندىن بۇيان دۆلىتىمىز ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنى يۆلەش سىياسىتىنى چىقىرىپ، يەككە، خۇسۇسىي كارخانىلارغا تېخىمۇ كەڭ تەرەققىيات يولى ئېچىپ بەردى، «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويدى، يېقىندا پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىنى چاقىرىپ، ئىقتىسادنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۈرۈش يولىنى كېڭەيتىش يولىنى چاقىرىقىنى ئوتتۇرغا قويدى. دۆلەتنىڭ بۇ سىياسەتلىرى بىز ئۈچۈن «يېشىل چىراغ». پۇرسەت ھەممىگە باراۋەر، كەسكىن بازار رىقابىتى كىملەرنى تاللايدۇ، كىملەرنى شاللايدۇ، بۇ بىزنىڭ ئەقلىمىز ۋە قابىليىتىمىزگە باغلىق. ئەزمەتلەر، باسقان يولۇڭلار خەيرىلىك بولسۇن!

  بۇ سۈرەتلەرنى ئۆز مۇخبىرىمىز ئوسمانجان ئىسمايىل تارتقان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر