باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىرقىي كەمسىتىش سەۋەبلىك، پرىنسىتون ئۇنىۋېرسىتېتى سابىق زوڭتوڭنى «ئۆچۈرۈشى» مۇمكىن

2015.11.23 15:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) ئامېرىكا پرىنسىتون ئۇنىۋېرسىتېتى تەرەپ 19-نويابىر نامايىشچى ئوقۇغۇچىلار بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، سابىق زوڭتوڭ ۋۇردوۋ ۋىلسوننىڭ ئىرقىي كەمسىتىشتەك شەرەپسىز تارىخى بار بولغانلىقى سەۋبلىك، ۋىلسوننىڭ ئىسمىنى مەكتەپتىكى قۇرۇلۇشلار، ئورگانلار ۋە تۈرلەرنىڭ ئىسمىدىن ئۆچۈرۈۋېتىشكە قوشۇلدى. مەكتەپ تەرەپ 20-نويابىر بىر باياناتتا مەكتەپ باشقۇرۇش قاتلىمىنىڭ نامايىشچى ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق، نامايىشچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ مۇدىرى كرىستوفېر ئېيسگرۇبېرنىڭ ئىشخانىسى سىرتىدىكى 32 سائەتلىك تىنچ ئولتۇرۇش نامايىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا قوشۇلغانلىقىنى، ئېيسگرۇبېرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ بىلەن ھەل قىلىش لايىھەسىنى بىللە مەسلىھەتلىشىشكە قوشۇلغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتتى. نامايىش ئۇيۇشتۇرغان «قارا تەنلىكلەر ھەققانىيەت ئىتتىپاقى» بۇ داڭلىق ئالىي بىلىم يۇرتىنىڭ سابىق مەكتەپ مۇدىرى ۋۇدروۋ ۋىلسوننىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان ۋۇدروۋ ۋىلسون ئاممىۋىي ۋە خەلقئارا ئىشلار ئىنىستىتۇتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاممىۋىي سورۇنلاردىكى ۋىلسوننىڭ ئىسمى ۋە ئوبرازىنى «ئۆچۈرۈۋېتىش»نى تەلەپ قىلغان ئىدى.

  سابىق زوڭتوڭ ۋىلسون 1902-يىلدىن 1910-يىلغىچە بۇ پىچەكگۈل مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان (پىچەكگۈل ئىتتىپاقى: ئامېرىكىدىكى ئەڭ داڭلىق ئالىي مەكتەپلەر بىرلەشمىسى)، 1913-يىلدىن 1921-يىلغىچە ئامېرىكا زوڭتوڭى بولغان بولۇپ، ئامېرىكا تارىخىدىكى تەرەققىيپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى، بىراق يەنە ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنى قوللىغان. ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ئەينى چاغدىكى ئامېرىكىدا، بولۇپمۇ جەنۇبتىكى بىر قىسىم شىتاتلاردا قانۇنلۇق ئىش بولۇپ، ئاممىۋىي سىياسەتنىڭ بىر قىسمى ئىدى. ئامېرىكا ئالىي مەكتەپلىرىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى ئەۋج ئالدى. 9-نويابىر، مەكتەپتە يۈز بەرگەن ئىرقچىلىق ۋەقەسىگە قارىتا پاسسىپ ئىنكاستا بولغانلىقى سەۋەبلىك، مىسسۇرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى تىم ۋولف ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېتىراز ساداسى ئىچىدە ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر