باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ شەرقىي ئاسىيا ئەللىرىنىڭ 10-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

دوستانە ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، شەرقىي ئاسىيانى دۇنيا ئىقتىسادىنى مۇقىم ئاشۇرۇشنىڭ قۇتۇپىغا ئايلاندۇرايلى

2015.11.23 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 22-نويابىر مالايسىيانىڭ كۇئالالۇمپۇر شەھىرىدە شەرقىي ئاسىيا ئەللىرىنىڭ 10-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى. يىغىنغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن، يىغىنغا قاتناشقىلى كەلگەن ئەللەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 22-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن كۇئالالۇمپۇر خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە شەرقىي ئاسىيا ئەللىرىنىڭ 10-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى. شەرقىي ئاسىيادىكى ئون دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى، كورىيە زۇڭتۇڭى پاك گيۇنخاي، ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابې شىنزو، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما، روسىيەنىڭ زۇڭلىسى مېدۋېدىۋ، ھىندىستاننىڭ زۇڭلىسى مودى، ئاۋسترالىيەنىڭ زۇڭلىسى تۇرنبۇل، يېڭى زېلاندىيەنىڭ زۇڭلىسى جونسكى ۋە ب د ت نىڭ باش كاتىپى بانكىمون يىغىنغا قاتناشتى. مالايسىيانىڭ زۇڭلىسى ناجىب يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: شەرقىي ئاسىيا ئەللىرىنىڭ باشلىقلار يىغىنى تەسىس قىلىنغىنىغا 10 يىل بولدى، بۇ شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان 10 يىل، ھەر قايسى دۆلەتلەر تەرەققىيات مىۋىسىدىن ئورتاق بەھىرلەنگەن 10 يىل شۇنداقلا شەرقىي ئاسىيا ئەللىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ تەسىرى ئۈزلۈكسىز كېڭەيگەن 10 يىل. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا «رەھبەرلەر يېتەكلەيدىغان ئىستراتېگىيە مۇنبىرى»، شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ يېتەكچى ئورنى، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىك «قوش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ»، مېخانىزىملارنىڭ ماس تەرەققىياتىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇش كېرەك. شەرقىي ئاسىيانى داۋاملىق دۇنيانىڭ تىنچ، مۇقىملىقىدىكى لەڭگەر، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنىڭ مەنبەسى قىلىشتا، چوقۇم ئاسان قولغا كەلمەيدىغان ۋەزىيەتنى قەدىرلەپ، ئىقتىساد، بىخەتەرلىك، مەدەنىيەتتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تۈۋرۈكنى مۇستەھكەملەپ، رايون ھەمكارلىقىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشى كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر