- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بېلگىيە ساقچى تەرەپنىڭ تۇتۇش ھەرىكىتى ئاياغلاشتى
16 نەپەر تېررورلۇق تەشكىلاتى گۇماندارى تۇتۇلدى
2015.11.23 16:28 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېلگىيە ساقچى تەرەپ 23-نويابىر سەھەردە ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، 22-نويابىردىكى تۇتۇش خىزمىتىدە جەمئىي 16 نەپەر تېررورلۇق تەشكىلاتى گۇماندارىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئېيتقان. بىراق، ساقچى تەرەپ بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىلدۈرۈپ، پارىژدىكى تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ قېچىپ يۈرگەن گۇماندار سالاخ بۇلارنىڭ ئىچىدە يوقلۇقىنى ئېيتقان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ساقچىلار 22-نويابىر كەچقۇرۇن بىريۇسسېلدا جەمئىي 19 قېتىم ھەرىكەت ئېلىپ بارغان. بىراق، ھەرىكەت ئاياغلاشقاندىن كېيىنمۇ بېلگىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش دەرىجىسى يەنىلا ئەڭ يۇقىرى دەرىجە ھالىتىنى ساقلىغان. ئىگىلىنىشىچە، بىريۇسسېلنىڭ خەۋپسىزلىك ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈشى پارىژنىڭ تېررورلۇق ۋەقەسىدىكى گۇماندارنىڭ تۇتۇلۇشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن ئىكەن.
فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا 13-نويابىر كەچ بىر قاتار تېررورلۇق ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندىمۇ 129 ئادەم قازا قىلغان. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن بېلگىيە ساقچىلىرى بىريۇسسېلنىڭ مولېنبېك رايونىدا قاتتىق ئاختۇرۇپ تۇتۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان، چۈنكى تەكشۈرۈش ئارقىلىق پارىژ تېررورلۇق ۋەقەسىدىكى نۇرغۇن گۇماندارنىڭ ئىلگىرى بۇ رايوندا تۇرغانلىقى ئېنىقلانغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر