باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ شەرقىي ئاسىيا ئەللىرىنىڭ 10-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىدا جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە ئائىت بەش تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى

2015.11.23 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 22-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن كۇئالالۇمپۇر خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە شەرقىي ئاسىيا ئەللىرىنىڭ 10-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن جەنۇبىي دېڭىزنىڭ تىنچ، مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداش توغرىسىدا بەش تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى:

  بىرىنچى، ھەر قايسى دۆلەتلەر «ب د ت نىزامنامىسى»نىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پرىنسىپىگە ئەمەل قىلىشقا ۋەدە بېرىپ، 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى تەرتىپنى قوغداپ، ئاسان قولغا كەلمىگەن تىنچلىقنى قەدىرلەپ، خەلقئارا ۋە رايونلارنىڭ شۇنداقلا جەنۇبىي دېڭىز رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك.

  ئىككىنچى، بىۋاسىتە ئالاقىسى بار مۇستەقىل دۆلەتلەر 1982-يىلدىكى «ب د ت دېڭىز-ئوكيان قانۇن ئەھدىنامىسى»نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ھەممە بىردەك ئېتىراپ قىلىدىغان خەلقئارا قانۇن بويىچە دوستانە كېڭىشىش ۋە سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق، زېمىن تەۋەلىكى ۋە باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقى تالاش-تارتىشىنى تىنچ ئۇسۇلدا ھەل قىلىشقا ۋەدە بېرىشى كېرەك.

  ئۈچىنچى، جۇڭگو ۋە شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى «جەنۇبىي دېڭىزدىكى تەرەپلەرنىڭ ھەرىكەت خىتابنامىسى»نى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ۋەدە بېرىپ، «جەنۇبىي دېڭىز ھەرىكەت مىزانى»نى بالدۇرراق كېڭىشىپ، بىردەك كېڭىشىش ئاساسىدا «مىزان»نى بالدۇرراق تۈزۈشى ۋە تەدبىر قوللىنىپ رايونلارنىڭ ئۆز ئارا ئىشىنىش ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىشنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

  تۆتىنچى، تېررىتورىيە سىرتىدىكى دۆلەتلەر رايون، دۆلەتنىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ تىنچ، مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى تىرىشچانلىقىنى ھۆرمەتلەش ۋە قوللاشقا ۋەدە بېرىپ، پائال ۋە ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، رايون ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىقى كېرەك.

  بەشىنچى، ھەر قايسى دۆلەتلەر جەنۇبىي دېڭىزدىكى قاتناش ۋە ئۇچۇش ئەركىنلىكىنى خەلقئارا قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش ۋە قوغداشقا ۋەدە بېرىشى كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر