باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

زىمىستاندىكى ئىللىقلىق

2015.11.23 16:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇساقان تۇردى خەۋىرى، فوتوسى) كۇچا ناھىيە كۈسەن ئۇرقچىلىق شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى مەرىپەتپەرۋەر ياش ئېزىز كېرەم 20 - نويابىر كۇچا ناھىيە ياقا بازارلىق كىرىش باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئائىلە قىيىنچىلىقى ئېغىر 33 نەپەر ئوقۇغۇچىغا 8250 يۈەن قىممىتىدىكى ئالاھىدە بۇيرۇتۇپ تەييارلانغان قىشلىق كىيىم ھەم قىشلىق ئاياق سوۋغا قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى زىمىستان قىشتا مەكتەپكە توڭلىماي خاتىرجەم ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  يېڭى كىيىم ھەم ئاياقنى قولىغا ئالغان ئوقۇغۇچى غەيرەت راخمان ھاياجانلانغان ھالدا :«بىزنىڭ مەھەللە تاغ باغرىغا جايلاشقان بولغاچقا سوغوقمۇ بالدۇر كېلىدۇ ھەم كۈچلۈك بولىدۇ. نەچچە كۈندىن بېرى مەكتەپكە بېرىپ – كېلىشتە يىلىڭ كىيىمدە توڭلاپ ناھايىتى قىينالغان ئىدىم. ئېزىز ئاكىنىڭ زىمىستان سوغوقتا يەتكۈزگەن بۇ ئىللىقلىقى ماڭا ئوخشاش ئائىلە قىيىنچىلىقى ئېغىر ئوقۇغۇچىلارغا مېھرى – مۇھەببەتنىڭ ھارارىتىنى بەردى، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، چوڭ بولغاندا باشقىلارغا مېھرى – مۇھەببەت ئاتا قىلالايدىغان ساخاۋەتچىلەردىن بولىمەن» دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر