فىرانسىيە پارىژ تەپتىش ئەمەلدارى مولىن 18-نويابىر كەچتىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، شۇ كۈنى فىرانسىيە ئالاھىدە قىسمى پارىژ شەھەر سىرتىدىكى ساينت دېنىس شەھىرىدە تېررورلۇق ھۇجۇمىغا قاتناشتى دەپ گۇمان قىلىنغان سەككىز ئادەمنى قولغا ئالغانلىقىنى جاكارلىغان، بۇنىڭ ئىچىدە 13-نويابىر پارىژدا يۈز بەرگەن بىر قاتار تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى كۈشكۈرتكۈچىسى ئابدۇللا ھەمىد ئابباۋۇدنىڭ بارلىقى بايقالمىغان.