خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-نويابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:(ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋرى، فوتوسى): 11-ئاينىڭ 17-كۈنى، كورلا شەھەر يېڭشەھەر يېزا چىلانباغ كەنت 1-گۇرۇپ ئەزاسى ئابلاجان ئابلىمىت (ھاجىم) يېڭشەھەر يېزىسىدىكى ئۆگىنىشتە ياخشى، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا 21 مىڭ 500 يۈەن قىممىتىدە قىشلىق كىيىم-كېچەك، مايكا، قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ قىشنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمۈد قىلدى. ساخاۋەتچى ئابلاجان (ھاجىم) سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: بالىلار كەلگۈسىنىڭ ئۈمۈدى، مەن ھالال ئەمگىكىم بىلەن يەنىمۇ تىرىشىپ پۇل تېپىپ، جەمىيىتىمىزدە ئائىلە قىيىنچىلىقى تۈپەيلى ئوقۇيالمايۋاتقان، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا قۇدرىتىمنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلىمەن. ئابلاجاننىڭ بۇ ساخاۋەت قوللىرىدىن سۆيۈنگەن ئوقۇغۇچىلار بەس-بەستە، ئابلاجانغا كۆپلەپ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، تىرىشىپ ئوقۇپ، كەلگۈسىدە ۋەتەن خەلققە ياراملىق ئىزباسارلاردىن بولۇپ چىقىشتەك ئارزۇ تىلەكلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئابلاجان ئۆتكەن يىلىمۇ يېڭشەھەر يېزىسىدىكى ئۆگىنىشتە ياخشى، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا 20 مىڭ يۈەن قىممىتىدە قىشلىق كىيىم-كېچەك، ۋە ئوقۇش قوراللىرى ياردەم قىلغانىدى.
مەنبە: خەلق تورى