خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-نويابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى كۈنلەردە، قەشقەرنىڭ شىنجاڭ چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى تۇرۇشلۇق زاپاس تارماق ئەترىتى« شەمشەر زەربىدارلار ئەترىتى» ئالاھىدە جەڭ قىلىش ئەترىتى بۆسۈپ كىرىش، ئۆينى ئاختۇرۇش، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش، تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا قارشى تۇرۇش، گۇرۇپپا تاكتىكىسى، مەرگەنلەرنىڭ نىشانغا توغرا، دەل زەربە بېرىش قاتارلىق تۈرلەر بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مانىۋېرى ئۆتكۈزدى.
شۇ كۈنى بۇ زاپاس تارماق ئەترىتى ئالاھىدە جەڭچىلىرىنى تەشكىللەپ ھەربىي تەلىم مەيدانىدا راست قورال بىلەن قوراللىنىپ مانىۋېر ئۆتكۈزدى.بۇ ئالاھىدە جەڭ قىلىش ئەترىتىنىڭ تاكتىكا قابىلىيتىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، ھەر ۋاقىت يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن تۈرلۈك تاسادىپىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغان.(مەلىكەم تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى