باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ مەكتەپكە پىيادە بېرىش ۋاقتى 30 مىنۇتتىن ئاشىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ئاپتوبۇسى مۇلازىمىتى ئوبيېكتى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى

2015.11.23 11:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مەكتەپ ئاپتوبۇسى مۇلازىمىتى لايىھەسى» دە، شىنجاڭ دائىرىسىدە ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىغا ئولتۇرۇپ مەكتەپكە بېرىپ كىلەلمەيدىغان ياكى مەكتەپكە پىيادە بېرىش ۋاقتى 30 مىنۇتتىن ئاشىدىغان ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، بالىلار مەكتەپ ئاپتوبۇسى مۇلازىمىتى كاپالەت ئوبيېكتى قاتارىغا كىرگۈزۈلىدىغانلىقى ئېنىق بېكىتىلدى.

  «لايىھە» دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەكتەپ ئاپتوبۇسى ئىشلىتىش دائىرىسى ئىچىدە، شەھەر رايونى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ۋە ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەر ئادەتتە مەكتەپ ماشىنىسى ئىشلەتمەيدۇ. كوچا ئاپتوبوسىدا مەكتەپكە بېرىپ-كېلىدىغان باشلانغۇچ مەكتەپ تۆۋەن يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ۋە بالىلارغا ئاتا-ئانىلار ياكى ۋەسىيسى ھەمراھ بولۇشى كېرەك. قانۇن بويىچە تەسىس قىلىنغان پۇقراۋى مەكتەپ، يېزىلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ۋە ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن مەكتەپ ماشىنىسى ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. يېزا رايونلىرىدىكى غەيرىي ياتاقلىق مەكتەپلەرگە پىيادە بېرىش ۋاقتى 30 مىنۇتقا يەتمەيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى پىيادە مەكتەپكە بېرىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. پىيادە مەكتەپكە بارىدىغان باشلانغۇچ مەكتەپ تۆۋەن يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى، بالىلارنى ئاتا-ئانىلار ياكى ۋەسىيلىرى ئاپىرىپ-ئەكىلىشى كېرەك.ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىغا ئولتۇرۇپ مەكتەپكە بېرىپ-كېلەلمەيدىغان ياكى مەكتەپكە پىيادە بېرىش ۋاقتى 30 مىنۇتتىن ئاشىدىغان ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، بالىلار مەكتەپ ئاپتوبۇسى مۇلازىمىتى كاپالەت ئوبيېكتى قاتارىغا كىرگۈزۈلىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر