باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ، ئاز سانلىق مىللەتتىن بىرى كەم بولسا بولمايدۇ

2015.11.23 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شەرقىي فۇجيەننىڭ فۇدىڭ شەھىرى پەنشى بازىرىدىن يولغا چىقىپ، تاغ ئارىسىدىكى تاش يولنى بويلاپ 23كىلومېتىر ماڭغاندا، بىر يېشىل تاغ بىلەن قورشالغان شېزۇلار كەنتى- چېشىغا بارغىلى بولىدۇ. بۇ « مەملىكەت بويىچە 1 - نامرات كەنت » دەپ ئاتالغان نامرات كەنتنىڭ زور ئۆزگىرىش ھېكايىسى ھەممە يەردە داڭق چىقارغان.

  قوي يىلىدىكى چاغاندا شېزۇ كەنتى بەختكە چۆمۈلگەنىدى، « باش شۇجى شى جىنپىڭ بىزنىڭ كەنتنى ماختاپتۇ» دېگەن كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان خەۋەر كەنت ئاھالىلىرىنى قاتتىق ھاياجانلاندۇردى.

  29-يانۋار، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ بىر قىسقا خەۋىرىگە مۇنداق تەستىق سالدى : « 30يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، نىڭدې چېشى شېزۇ كەنت كادىرلىرى ئاممىسى جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، قەيسەر ھالدا تامچە سۇ تاشنى تېشىدىغان روھ بىلەن يىراق يېقىنغا داڭلىق بىر نامرات كەنتنى ھاللىق كەنت قىلىپ قۇرۇپ چىقتى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتا، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى كەم بولسا بولمايدۇ، بىر كىشىنىمۇ سەپتىن چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ، ۋاقىتنى غەنىمەت بىلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، خىزمەت پىكىر يولىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، توغرا كۈچ چىقىرىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قىيىن مەسىلىسىنى ئۆز قەرەلىدە ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيىگە يېتىشىنى ئۆز ۋاقتىدا ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم.»

  بۇنىڭدىن 20نەچچە يىل ئىلگىرى يەنى1988 - يىل 6 -ئايدا نىڭدې ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بۇلۇپ يۆتكەلگەندىن باشلاپ، شى جىنپىڭ شەرقىي فۇجيەندىكى شىزۇ ئاممىسى بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن شىزۇ ئاممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي فۇجيەن خەلقنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. « نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش » دېگەن كىتابنىڭ « شېزۇ ئىقتىسادى تېخىمۇ ئېچىۋېتىلىشى كېرەك»، « مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ـــ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسى ھەققىدە مۇلاھىزە » قاتارلىق مەخسۇس بابىدا شى جىنپىڭ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش مەسىلىسىنى توغرىسىدا چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ ئېلىپ بېرىپ ۋە پىكىر يۈرگۈزۈپ، بىر قاتار سىياسەت تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  فۇجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەھبىرى بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىغا يەنىلا چوڭقۇر كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى.ئۇلارنىڭ پۈتۈن ئۆلكە خەلقى بىلەن بىرلىكتە بېيىپ ھاللىق سەۋىيىگە يېتىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، شى جىنپىڭ ئۆزى قول تىقىپ قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بىرىش سىياسىتى تۈزۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، « قان ئىشلەش » ئىقتىدارىنى كۈچەيتتى؛ كەنتلەرگە بېرىپ، پۇقرالارنىڭ دەردىنى تىڭشاپ، ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىنى تېپىپ بەردى.

  بىزنىڭ ئىشلىرىمىز ھەرقايسى تەرەپلىرىگە چېتىلىدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىشلىرىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم تەرەپكە ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ. بۇ بىر پىرىنسىپ. بىز ئاز سانلىق مىللەت ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈشىمىز زۆرۈر.

  تامچە سۇ تاشنى تېشىدۇ، ئۇچقۇندىن يانغىن چىقىدۇ.

  يولداش شى جىنپىڭ بىۋاستە تۈرتكىسىدە ۋە كۆڭۈل قويۇپ ياردەم بېرىشى ئارقىسىدا، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشلىرى فۇجيەن ئۆلكىسىدە پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى، شەرقىي فۇجيەندىكى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىمۇ مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. شەرقىي فۇجيەن زېمىنىدا نۇرغۇنلىغان چېشىغا ئوخشاش نامرات كەنتنىڭ زور ئۆزگىرىش ھېكايىلىرى ئارقا - ئارقىدىن بارلىققا كەلدى، مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ ھاللىق سەۋىيىگە يەتتى. 2014 - يىل ئۆلكە بويىچە مىللىي يېزىلاردىكى دىھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى جۈپ - جۈپى بىلەن تۈمەن يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى.

  «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى كەم بولسا بولمايدۇ، بىر كىشىنىمۇ سەپتىن چۈشۈپ قويۇشقا بولمايدۇ. » نامراتلارنى يۆلەش، روناق تاپقۇزۇش يېڭى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا قەدەم قويغان بۈگۈنكى كۈندە، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدى شەرقىي فۇجيەن كادىرلار ۋە ئاممىسىنى بوشاڭلىق قىلماسلىققا، تېخىمۇ قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشىقا ئۈندىدى.

  باش شۇجىنىڭ ئۈمىدىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆلكە بويىچە يۇقىرى - تۆۋەن قول تۇتۇشۇپ، نامراتلىققا قارشى كۈرەش قىلىپ، جەڭگىۋارلىق بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيىگە يېتىش، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا قاراپ يول ئالدى.( مەرھابا ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلغان)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر