خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-نويابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋرى، فوتوسى: پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ،پارتىيە 18-نۆۋەتلىك 5-ئومۇمى يىغىن روھىيىنى ئۆگىنىش يوقۇرى دولقۇنغا كۆتۈرىلىۋاتقان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتتە، يېزىدىكى كەڭ كادىرلار ۋە ئاممىنى پارتىيىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەۋزەل سىياسەتلىرىدىن ئۆز ۋاقتىدا خەۋەرلەندۇرۇپ، دىننى ئەسەبىي ئىدىيىلەرگە بولغان تونۇشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ مېھرى-شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ،ئۇلارنىڭ جەمىئىيەت ئامانلىقى ۋە مۇقىملىق ئېڭىنى يەنىمۇ يوقۇرى كۆتىرىش مەقسىتىدە،يېزىلىق پارتىكۇم،خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزەش خىزمەت ئەتىرىتى ئورتاق كېڭىشىپ، يېزا بويىچە ‹‹ پارتىيىگە ۋە ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ،گۈزەل يۇرت-ماكانىمىزنى قورۇپ چىققايلى ››دېگەن تېمىدا پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ،خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ،پېنسىيىگە چىققان كادىرلار، پارتىيە ئەزالىرى،‹‹تۆت پىشقەدەم››لەر، كادىرلار، يېزىغا قاراشلىق ھەرقايسى زەن پونكىتلارنىڭ كادىرلىرى،ئاممىۋى پاراۋانلىق خىزمەت ئورنىدىكى خادىملار ۋە مەسچىت باشقۇرۈش ھەيئەتلىلىرى ۋە دىننىي زاتلارغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۆت قېتىم لىكسىيە پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇردى.2015-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 1-قېتىملىق لىكسىيە ئېلىپ بېرىلىپ ،قاتناشقان ئادەم سانى 150تىن ئاشتى.
لىكسىيە ئۆمىكىدىكى خادىملار ئۆزىنىڭ تىپىك جانلىق مىساللىرى ئارقىلىق،جۈڭگو كوممىنىستىك پارتىيىسىنىڭ 94يىللىق شانلىق كۆرەش تارىخى،ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ ئۇلۇغۋار نەتىجىلىرى ۋە پارتىيىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى بىر قاتار ئەۋزەل سىياسەتلىرىنى چۆرىدەپ،مىننەتتارلىق بىلدۈرۈشنى ئۆزىمىزدىن، ئائىلىمىزدىن،خىزمەت ئورنىدىن باشلاشنى تەكىتلەپ،‹‹پارتىيىگە ۋە ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ،گۈزەل يۇرت-ماكانىمىزنى قورۇپ چىققايلى ››دىگەن تېمىنى مۇپەسسەل شەرھىلەپ،پائالىيەتكە قاتناشقان ئاممىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى.چىلانباغ كەنتنىڭ سابىق ياچىيكا شۇجىسى مۇھەممەت ئىمىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دىدى:يېڭىشەھەر يېزىسىغا چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىنىڭ لىكسىيەسى كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سېلىپ،پائالىيەتكە قاتناشقان پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى،خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ پارتىيىگە بولغان مىننەتتارلىق تۇيغۇسىنى يەنە بىر قېتىم قوزغۇتۇپ،بىزنى ھاياجانغا سالدى.بىز مۇشۇ خىلدىكى لىكسىيەلەرنىڭ كۆپرەك ئېلىپ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!سۈرەتتە: يېڭشەھەر يېزىسىنىڭ 25-نويابىر ئېلىپ بارغان ‹‹پارتىيىگە ۋە ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ،گۈزەل يۇرت-ماكانىمىزنى قورۇپ چىققايلى ›› تېمىسىدا پائالىيەتتىن كۆرۈنۈشلەر
مەنبە: خەلق تورى