19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشىغان ئۇلۇغ شەخس بۈيۈك زات يەنى قازاق يازما ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسىنى سالغۇچى مۇتەپەككۈر ئالىم، پەيلاسوپ، شائىر، يازغۇچى ئاباي.قۇنانباي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 170 يىللىقىنى تەبرىكلەش ۋە <ئاباي ھېكمەتلىك سۆزلىرى> توپلىمىنىڭ قازاقچە، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ئۈچ خىل تىلدىكى ئاۋازلىق نەشىرىنى تارقىتىش مۇراسىمى 20-نويابىر شىنجاڭ ئالىي مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ كۈن شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقى ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بىر كۈن. ئاباي بۇنىڭدىن بىر ئەسىر ئىلگىرىلا يىپەك يولىدىكى نۇرغۇن ئەللەرگە ، نۇرغۇن خەلقلەرگە نۇرغۇن مىللەتلەرگە زور تەسىر كۆرسەتكەن بۈيۈك زات. ئاباي قازاق مەدەنىيىتىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتۇپلا قالماي،ھەر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىگىمۇ بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن تۆھپىكار ئۇستاز.
ئاباي ئۆزىنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى ئارقىلىق ئاشۇ ۋاقىتلاردا ئۆز مىللىتىنىڭ تاللاشلىرىغا دۇچ كەلگەن چاغدا مىللەت قايسى يولدا مېڭىشى كېرەك؟ قانداق ياشىشى كېرەك؟ بولۇپمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە قانداق مۇئامىلىدە بولۇش كېرەك؟ قاتارلىق مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە ئۇ ھېچقانداق ئىككىلەنمەي دادىللىق بىلەن ئوتتۇرغا چىقىپ توغرا يول كۆرسىتەلىگەن.
قازاق خەلقى ئارىسىدىكى نادانلىق، ماختانچاقلىق، مەنسەپخورلۇق قاتارلىق ناچار ئىللەتلەرنى تۈگۈتۈپ، ئىتتىپاقلىشىشقا چاقىرغان. ئۆزىنىڭ ئەقلىگە ،بىلىمىگە، قەيسەرلىكىگە تايىنىپ تۇرۇپ، شۇ ۋاقتىدا بەزى ئادەملەرنىڭ توغرا چۈشەنمەسلىكىدىن ياكى ئۆزىگە تۆھمەت، ھەسەتخورلۇق قىلىشىدىن قورقماي تۇرۇپ خەلقىگە توغرا يول كۆرسەتكەن .
شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر قازاق خەلقى ئۆزلىرىنىڭ ھازىرقى نەتىجىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ھازىرقى مەدەنىيەتتە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋاپپەقىيەتلىرىنى ئېسىگە ئالغان ۋاقتىدا ئاباينى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. قازاق خەلقى نۇرغۇن ئىشلاردا ئاباينىڭ تەلىماتلىرىنى ئۆزلىرىگە مىزان قىلىپ ياشاپ كەلگەن.
ئاباينى قايتا ئوقۇغان ۋاقتىمىزدا ھازىرقى رىئاللىقىمىز بىلەن ھازىرقى ئەتراپىمىزدىكى يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار بىلەن بىز ئۇچراۋاتقان ئەھۋاللار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ چۈشىنىدىغان بولساق ئاباينىڭ ئۇلۇغلىقىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلىمىز.
«ئاباي ھېكمەتلىرى» نىڭ بۈگۈنكى كۈندە نەشىر قىلىنىشى، بولۇپمۇ قازاقچە، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ئۈچ خىل تىلدا زامانىۋى ئۇسلۇپتا نەشىر قىلىنىشى ۋە مۇشۇنداق مۇراسىم پائالىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ئىنتايىن مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ۋە ھازىرقى رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.ھەمدە تەبرىكلەشكە تېگىشلىك كاتتا ئىشلاردىن بىرى بولۇپ بولغۇسى.
سۆرەتتە: ئۈرۈمچى ئىرپان ئېلېكتىرون چەكلىك شىېركىتى باش دېرىكتورى ئابدۇللا ئۆمەر ئەپەندى زىيارەت قوبۇل قىلماقتا