خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) بېلگىيە باش ۋەزىرى مىچىل 21-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بېلگىيە مەملىكەتلىك تەھدىت ئانالىز-ماسلاشتۇرۇش ئورگىنىنىڭ پارىژ تېررورلۇق ۋەقەسىگە ئوخشاش ھۇجۇم تەھدىتى تاپشۇرۇۋالغانلىقى ئۈچۈن، 20-نويابىر كېچىدە بريۇسسېل پايتەخت رايونىنىڭ بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە ئۆستۈرگەنلىكىنى ئېيتتى. بېلگىيە ھۆكۈمىتى شۇ كۈنى ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى