باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چېڭدۇ ساقچى تەرەپ تاغتېشەردىن ياسالغان بۇيۇملارنى قانۇنسىز سېتىش دېلوسىنى پاش قىلدى (1)

2015.11.19 15:03   مەنبە: خەلق تورى

چېڭدۇ ساقچى تەرەپ تاغتېشەردىن ياسالغان بۇيۇملارنى قانۇنسىز سېتىش دېلوسىنى پاش قىلدى  (1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-نويابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:گەنسۇدىن بىر تېلېفون كېلىپ « ئېيىق گۆشىنى يەيمەن» دېيىش بىلەنلا چېڭدۇ دورا سودىگەرلىرى 7 تال قارا ئېيىقنى قولغا چۈشۈرگەن. ھازىر، ئىككى ئادەم قانۇنسىز سېتىۋېلىش،يۆتكەش، قىممەتلىك، خەۋپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى ۋە ئۇلاردىن ياسالغان بۇيۇملارنى سېتىش گۇمانى بىلەن گۇاڭ يۈەن شەھىرى چىڭچۈەن ناھىيىسى ئورمان ساقچىلىرى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە قولغا ئېلىندى. بۇ قېتىم ساقچى تەرەپ قولغا چۈشۈرگەن بىر توننىدىن ئارتۇق ئېيىق گۆشى ئىچىدە، 200 كىلوگىرامدىن ئارتۇق ئېيىق يېغى بار ئىكەن. ساقچىلار بۇ ئېيىق ياغلىرىنى بەلكىم دورا قىلىپ، رېماتىزم كېسىلىنى داۋالاشقا ئىشلىتىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلدى.

  ئىگىلىنىشچە، « دورا ياساش» نامىدا قانۇنسىز ياۋايى ھايۋانلارنى ئوغرىلىقچە ئوۋلاش ھەرىكىتى ئاز ئەمەس ئىكەن. ئېيىق يېغى، ئېيىق ئۆتى، يولۋاس سۆڭىكى، تاغتېشەر قاسرىقى، بۆكەن مۈڭگۈزى قاتارلىقلار ھەممىسى ئەنئەنىۋى جۇڭيى تىبابىتىدىكى دورا ياساشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇھىم خام ماتېرىياللار ئىكەن. بۇلتۇر 8 - ئايدا، زىجۇڭ ئورمان ج خ ئىدارىسى سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى ئەڭ چوڭ قانۇنسىز خەۋپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋان_ تاغتېشەردىن ياسالغان بۇيۇملارنى سېتىش دېلوسىنى پاش قىلدى، دېلوغا چېتىشلىق تاغتېشەر قاسرىقى نەچچە ئون كىلوگىرامغا يەتكەن. ئاخىرىدا، دورا ماتېرىياللىرى شىركىتىنىڭ خوجايىنى جۇ ×، جۇڭيى ئامبۇلاتورىيەسىنىڭ خوجايىنى لو × سوتقا ئەرز قىلىندى.(مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى يېڭى مەكتەپ رايونى قۇرماقچى
      ·شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مەملىكەت بويىچە 100 كۈچلۈك ئۇنىۋېرسىتېت قاتارىغا كىردى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىپ تۆت خىل ئەھۋالدا ئىستۇدېنتلارنىڭ مەكتەپ يۆتكىلىشىگە بول…
      ·مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى دەرسلىكلەر ھەقسىز قىلىنىدۇ
      ·كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە كەسىپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بۆلەكلەر بويىچە ئېلىپ بېر…
      ·بېيجىڭ چەتئەل تىلى ئۇنىۋېرسىتېتىدا يۈزدىن ئارتۇق چەتئەل تىلى دەرسى تەسىس قىلىنىدۇ
      ·كېلەر يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەنتەربىيە كەسپىدىن ئېلىنىدىغان سىناق…
      ·سايلام غەلىبە قىلغاندىن كېيىن ئەردوئان نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟
      ·شىنجاڭدىكى 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا تۈرىدىكى كەسىپلەر…
      ·تۈركىيە ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى پارلامېنت سايلىمىدا غەلبە قىلدى