باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيەنىڭ ‹‹A321››تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى پارتلاتقۇچ سەۋەبىدىن پاچاقلىنىپ كەتكەن

2015.11.19 15:10         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، موسكۋا، 17 – نويابىر تېلېگراممىسى. رۇسىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 17 – نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە فېدېراتسىيە خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بورتنىكوۋ 16 – نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن رۇسىيە خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا: مىسىرنىڭ سىنا يېرىم ئارىلىدا چۈشۈپ كەتكەن رۇسىيەنىڭ ‹‹A321›› تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىدا پارتلىتىش قۇرۇلمىسى بار بولۇپ، يولۇچىلار ئايروپىلانى مۇشۇ پارتلاتقۇچنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن پاچاقلىنىپ كەتكەن، دەپ جاكارلىدى.

  بورتنىكوۋ مۇنداق دېدى: 1.5 كىلوگىرام كېلىدىغان TNTغا باراۋەر پارتلاتقۇچ ئايروپىلاندا پارتلىغانلىقتىن، ئايروپىلان بوشلۇقتا پاچاقلىنىپ كەتكەن.

  رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ھادىسىسىنى پەيدا قىلغۇچىنىڭ قەيەرگە يوشۇرۇنۇۋالغانلىقىدىن قەتئىينەزەر، رۇسىيە ئۇنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىز قوغلاپ تەكشۈرىدۇ ھەم جازالايدۇ. پۇتىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ رۇسىيەنىڭ تەكشۈرۈش ھەرىكىتىگە ھەمكارلىشىشىنى ئۈمىد قىلدى، شۇنداقلا ھەر قانداق مەقسەتتە ھادىسە پەيدا قىلغان قاتىلنىڭ يوشۇرۇنۇشىغا ياردەم بەرگۈچىلەر ئالاقىدار مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇردى.

  رۇسىيە ‹‹كوگالىيىم›› ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ مىسىرنىڭ شام شەيختىن رۇسىيە ساينىت پېتېربۇرگقا قاراپ ئۇچقان يولۇچىلار ئايروپىلانى 31 – ئۆكتەبىر ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ ئۇزاق ئۆتمەي، مىسىرنىڭ سىنا يېرىم ئارىلىدا چۈشۈپ كەتكەن، ئايروپىلاندىكى 217 يولۇچى ۋە يەتتە ئايروپىلان خادىمىنىڭ ھەممىسى قازا قىلغانىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر