باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يارقىن نۇقتىغا ئايلانغان شىنجاڭنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى

2015.11.19 14:03         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل 11 – ئاينىڭ 5 – كۈنىدىن 8 – كۈنگىچە داۋاملاشقان ‹‹3 – نۆۋەتلىك شىنجاڭ يىپەك يولى مەدەنىيەت كەسىپلىرى ئىجادىيەت كۆرگەزمىسى››دە شىنجاڭنىڭ زامانىۋى مەدەنىيەت كەسىپلىرى، ھۆسنىخەت، دېھقان رەسساملار رەسىملىرى، ناخشا – ئۇسسۇل، مۇزىكا، مىللىيچە كىيىم – كېچەكلەر كۆرگەزمە قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى، يېڭىلىقلىرى، ئىجادىيەتلىرى كەڭ دائىرىدە نامايان قىلىندى، بۇنىڭدىكى بىر يارقىن نۇقتا، شىنجاڭنىڭ غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بولدى.

  ئۇقۇشىمچە، بۇلتۇر شىنجاڭنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى 2 – نۆۋەتلىك مەدەنىيەت كەسىپلىرى ئىجادىيەت كۆرگەزمىسىگە تۇنجى قېتىم قاتناشتۇرۇلغانىكەن. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنىڭ ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى نامايان قىلىش مەقسىتىدە ئالاھىدە يايما ئورنى تەسىس قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى نەق مەيداندا كۆرسىتىش ئارقىلىق ئەنئەنىۋى ھۈنەر – سەنئەت ۋە مىللىي ئالاھىدىلىك نامايان قىلىنىپتۇ ھەم ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر كۆپ تەرەپتىن يورۇتۇپ بېرىلىپتۇ.

  بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، قىرغىز، موڭغۇل، تاجىك، تاتار، شىبە، رۇس قاتارلىق مىللەتلەرگە تەۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن 24ى كۆرگەزمىگە قويۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نەق مەيداندا ئەتلەس توقۇش، گىلەم توقۇش، كولالچىلىق، ياغاچ قاچا – قۇچىلارنى قىرىپ ياساش، ئۈژمە قوۋزىقىدىن قەغەز ياساش، تال چىۋىقتىن سېۋەت توقۇش، مىللىي چالغۇلارنى ياساش، قاپاققا نەقىش ئويۇش تېخنىكىلىرى، قازاق، قىرغىز، خەنزۇلارنىڭ كەشتىچىلىك، قەغەز ئويمىچىلىقى ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى ئۆزىگە ئالاھىدە جەلىپ قىلدى. مىللىيچە يىمەك – ئىچمەكلەردىن قازاقلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا تەييارلىغان سۈت مەھسۇلاتلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ياڭاق ماتاڭلىرى، تاتارلارنىڭ پىشۇرۇقلىرىمۇ كۆرگەزمىگە كەلگەن كىشىلەرنىڭ بۇ يىمەكلىكلەرنىڭ تەييارلىنىشىنى چۈشۈنىشىدە مۇھىم رول ئوينىدى.

  پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ قىزىل بۇيا يېزىسىدىن كەلگەن 4 – ئەۋلاد سېۋەت توقۇش ئۇستىسى قېييۇم ئىلياس مۇنداق دېدى: ‹‹مەن بۇ ئاتا مىراس كەسىپكە ۋارىسلىق قىلغىلى 55 يىل بولدى. بۇرۇن پەقەت سېۋەتلا توقۇيتۇم، بۇنىڭدىن كىرىدىغان كىرىمىممۇ تايىنلىقلا ئىدى. 2006 – يىلى ساياھەتكە كەلگەن بىر ئامېرىكىلىققا تۆت سېۋەت ساتقان ئىدىم، شۇنىڭدىن باشلاپ مېنىڭ سودا يولۇم ئېچىلدى. ھازىر تال چىۋىقتىن لوڭقا، تەخسە قاتارلىق 10 نەچچە خىل ساياھەت خاتىرە بۇيۇمىنى ئىشلەيدىغان بولدۇم، بۇنىڭدىن قىلىدىغان كىرىمىممۇ ياخشى بولۇۋاتىدۇ. كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ ئىنتايىن خۇش بولدۇم››.

  كۆرگەزمە كۆرگىلى كەلگەن شەھەر ئاھالىسى مېھرىگۈل ياسىن مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ كۆرگەزمە ناھايىتى ياخشى ئۇيۇشتۇرۇلۇپتۇ. بىز شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن تۇرۇقلۇق ئەتلەسنىڭ قانداق توقۇلىدىغانلىقىنى، نۇرغۇن ئەنئەنىۋى تۇرمۇش بۇيۇملىرىمىزنىڭ قانداق ياسىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەنمىز. كۆرگەزمىنى كۆرۈپ، ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر بۇيۇملىرىمىزنىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت بايلىقى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق، شۇنداقلا باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت بايلىقلىرىنىمۇ چۈشەندۇق. بۇ كۆرگەزمىنىڭ بالامغا بەرگەن تەسىرى تېخىمۇ ياخشى بولدى. ئوغلۇم دەرىسلىكتە كۆرگەن ئاتا – بوۋىلىرىمىزدىن قالغان كۇلالچىلىق، ئۈژمە قوۋزىقىدىن قەغەز ياساش تېخنىكىلىرىنى نەق مەيداندا كۆرۈپ بەكلا ھەيران قالغانلىقىنى ئېيتتى. بىز مانا مۇشۇنداق كۆرگەزمىلەرنىڭ كۆپرەك ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز››.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر