باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

شى جىنپىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا - سانائەت رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى

2015.11.19 13:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : 2015 - يىللىق ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا - سانائەت رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنى 18 - نويابىر فىلىپپىننىڭ مانىلا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم «ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۇنيادىكى ئىقتىسادىي خىرىسقا تاقابىل تۇرايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىقتىسادىي گەۋدىلەر مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، جاپادىمۇ - ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش، ئېچىۋېتىلگەن ئىقتىساد بەرپا قىلىش، تەرەققىيات قارالمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەققىياتتا ئۈنۈم ۋە سۈپەتكە، يېڭىلىق يارىتىشقا، ئادىل، ھەققانىي بولۇشقا، يېشىل، كاربونسىز مۇھىت بەرپا قىلىش ۋە ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: دۇنيا ئىقتىسادى خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋالدا، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىمۇ نۇرغۇن رېئال ۋە يوشۇرۇن قىيىنچىلىق ھەم خەۋپلەرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىقتىسادىي گەۋدىلەر مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، جاپادىمۇ - ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ئىدىيەسى، تەرەققىيات ئەندىزىسى، تەرەققىيات يولىدا يېڭىلىق يارىتىپ، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، مەھسۇلاتلارنى يېڭىلاشنى تېزلىتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق مەھسۇلات، باشقۇرۇش، سودا ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ دۇنيا تەمىنات زەنجىرىدىكى ئورنىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئېچىۋېتىلگەن ئىقتىساد بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەركىن سودا ئېلىپ كەلگەن ئېچىۋېتىشچانلىق ۋە كەڭ قورساقلىقنى ئەڭ زور دەرىجىدە كۈچەيتىش كېرەك. تەرەققىيات قارالمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، 2030 - يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىلىرىنى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە كىرگۈزۈپ، ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە پىلانىنى بىر - بىرىگە باغلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى رايونلار ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىللىرىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، سانائەت ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى جەھەتتىكى ئەۋزەللىكلەرنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئۆزئارا ئۆگىنىش ۋە ئۆرنەك قىلىش كېرەك. ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۆزئارا ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈش لايىھەسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر