باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەۋپسىزلىك كېڭىشى «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ جۇڭگو ۋە نورۋېگىيە پۇقرالىرىنى تۇتقۇن قىلىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

2015.11.20 13:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 19-نويابىر تېررورلۇق تەشكىلات «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ جۇڭگو، نورۋېگىيە پۇقرالىرىنى تۇتقۇن قىلىپ ئۆلتۈرگەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ قەبىھ قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.تاراتقۇلار مۇنداق دېدى: خەۋپسىزلىك كېڭىشى تېررورلۇق تەشكىلات «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ جۇڭگو پۇقراسى فەن جىڭخۈي ۋە نورۋېگىيە پۇقراسى گرىمسگارد ئوفستادنى ئۆلتۈرگەنلىكىدەك «ئىپلاس، ئاجىز قىلمىشى»نى قاتتىق ئەيىبلەپ، بۇ قىلمىشلارنىڭ «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ قەبىھلىكىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلغانلىقىنى كۆرسەتتى. خەۋپسىزلىك كېڭىشى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىگە بولغان چوڭقۇر ھېسداشلىقىنى بىلدۈردى ۋە سەمىمىي ھال سورىدى.

  خەۋپسىزلىك كېڭىشى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ۋەقەنىڭ جاۋابكارىنى چوقۇم قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، ھەر قايسى دۆلەتلەرنى جۇڭگو، نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىشقا دەۋەت قىلىمىز. تېررورىزم دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقى ئالدىدا ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزدى، خەلقئارانىڭ تىنچلىقى ۋە خەۋپسىزلىكىگە ئېغىر تەھدىت سالدى، خەلقئارا جەمئىيەت بىردەك ھەرىكەتكە كېلىپ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشى كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر