باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ پويىز بېلىتى كېلەر پەيشەنبىدىن باشلاپ سېتىلىدۇ 12ئاينىڭ بېشىدا بىلەت سېتىۋېلىشنىڭ يۇقىرى پەللىسى يېتىپ كېلىدۇ

2015.11.19 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2016-يىللىق چاغان بايرىمىغا يەنە ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت بولسىمۇ، لېكىن ئۆيىگە قايتىپ چاغان ئۆتكۈزۈشنى ئويلىشىۋاتقان يولۇچىلار بالدۇرراق پىلان تۈزۈشى كېرەك. مۇخبىرنىڭ تۆمۈر يول تارماقلىرىدىن ئۇقۇشىچە، 2016-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش 24-يانۋار باشلىنىپ 3-مارت ئاخىرلىشىدىكەن، ھازىرقى پويىز بېلىتىنى 60 كۈن ئالدىن سېتىش بويىچە ھېسابلىغاندا، 12306 تور بېكىتى كېلەر پەيشەنبىدىن باشلاپ (26-نويابىر) چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ تۇنجى كۈنىنىڭ پويىز بېلىتىنى ساتىدىكەن، 12 ئاينىڭ باشلىرىدا چاغانلىق پويىز بېلىتى سېتىۋېلىشنىڭ يۇقىرى پەللىسى يېتىپ كېلىدىكەن.

  تۆمۈر يول تارماقلىرى مۇنداق دېدى: تۆمۈر يول چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلى ھەر يىلى چاغاندا كېلىدۇ، چاغاندىن بۇرۇنقى 15 كۈن، چاغاندىن كېيىنكى 25 كۈن بولۇپ، چاغانلىق يولۇچى توشۇش ۋاقتى 40 كۈن بولىدۇ. 2016-يىللىق چاغان 8-فېۋرال يېتىپ كېلىدۇ، مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا 2016-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش 24-يانۋار باشلىنىپ، 3-مارت ئاخىرلىشىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى سەۋەبلىك چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ تۇنجى كۈنىدىكى بىلەت ئانچە سېتىلمايدىكەن، قەمەرىيە كالېندارى بويىچە 12-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن چاغان يېتىپ كەلگىچە بولغان ئارىلىقتا چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ يۇقىرى پەللىسى يېتىپ كېلىدىكەن. 12-ئاينىڭ بېشىدا چاغانلىق يولۇچى توشۇش بېلىتى سېتىۋېلىشنىڭ يۇقىرى پەللىسى يېتىپ كېلىدىكەن. بېيجىڭ تۆمۈر يول تارماقلىرى مۇنداق دېدى: چاغانلىق يولۇچى توشۇشتا توردا بىلەت سېتىلىدۇ، بېيجىڭدىكى ھەر قايسى ۋوگزاللارنىڭ بىلەت سېتىش ۋاقتى ئوخشىمايدۇ، بېيجىڭ غەربىي ۋوگزالىدا ئەتىگەن سائەت 8:00دىن باشلاپ بىلەت سېتىلىدۇ، بېيجىڭ ۋوگزالدا سائەت 10:00دىن باشلاپ بىلەن سېتىلىدۇ، بېيجىڭ شىمالىي ۋوگزالىدا سائەت 12:00دىن باشلاپ بىلەت سېتىلىدۇ، بېيجىڭ جەنۇبىي ۋوگزالىدا سائەت 12:30دىن باشلاپ بىلەت سېتىلىدۇ.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر