باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر خىتابنامىسى ۋە كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈمىنى قوللاش توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

2015.11.20 13:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (قىسقارتىلىپ APEC دېيىلىدۇ)نىڭ 23-قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشقان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ رەھبەرلىرى 19-نويابىر فىلىپپىننىڭ مانىلادا « ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 23-قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنى خىتابنامىسى»نى ئېلان قىلدى ۋە كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈمىنى قوللايدىغان باياناتنى ماقۇللىدى.

  يىغىن مەزگىلىدە، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى رايون ۋە خەلقئارادىكى تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىرىنىڭ سىياسەت توسالغۇلىرىنى ئازايتىپ ئىقتىسادنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇش، پۇل مۇئامىلە بازىرىنى ئىسلاھ قىلىش، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ دۇنيا قىممەت زەنجىرىگە كىرىشىگە ياردەملىشىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇھىم سودا ۋە ئىقتىساد قارالمىلىرىنى مۇزاكىرىلەشتى.

  يىغىن ۋەكىللىرى يەنە ئىقتىسادنى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھ قىلىشنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېشىشقا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى، ئاپەت خەۋپىنى يېنىكلىتىش رامكىسى تۈزۈشنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشقا بولغان تەسىرى قاتارلىقلارنى مۇزاكىرىلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئېشىش ئىستراتېگىيەسى، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ھەمكارلىق رامكىسى قاتارلىقلار پىلانلارنى ماقۇللىدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر