باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 44 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى

19-قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنى 25 - نويابىر ئېچىش قارار قىلىندى

2015.11.19 13:43         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 18 - نويابىر چۈشتىن كېيىن 44 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19 - قېتىملىق يىغىنىنى 25 - نويابىردىن 27 - نويابىرغىچە ئۈرۈمچىدە ئېچىشنى قارار قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19 - قېتىملىق يىغىنىنىڭ قارالمىلار لايىھەسى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش پىكرىگە قاراپ چىقىلدى. مۇدىرلار يىغىنىنىڭ تەكلىپ قارالمىسى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19 - قېتىملىق يىغىنىدا، «ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى نىزامى(لايىھەگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارگىنالى)»، «ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت خىزمەتچىلىرى ئاساسىي قانۇن بويىچە قەسەم بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش چارىسى(لايىھەگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارگىنالى)»غا قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ «ئاپتونوم رايوننىڭ <كۆمۈر قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى(تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسى)»، «ئاپتونوم رايوننىڭ ئېتىزلىقلاردىكى يەر يوپۇقىنى باشقۇرۇش نىزامى(لايىھەسى)»غا قاراپ چىقىش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسىگە قاراپ چىقىلىدۇ؛ قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ سۇلۇق يەرلەرنى قوغداش نىزامى»نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسىگە قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇدىرلار يىغىنىنىڭ «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 - قېتىملىق يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارارى (لايىھەسى)»غا قاراپ چىقىش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسىگە قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئارىلاشما مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكلەرنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى، 2014 - يىللىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە باشقا مالىيە كىرىم - چىقىملىرىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلغاندا ئېنىقلانغان مەسىلىلەرنى تەرتىپكە سېلىپ تۈزىتىش ئەھۋالى، ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3 - قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ لايىھەلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جىنايى ئىشلار سوتى ۋە مەمۇرىي سوت خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ جىنايى جازا ئىجراسىنى نازارەت قىلىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ پەن - تېخنىكا ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارارى»نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنى ۋە ئاپتونوم رايوندىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3 - يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ، تەنقىد، پىكىرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتقا قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇدىرلار يىغىنىنىڭ 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى تولۇقلاپ سايلاش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسىگە قاراپ چىقىلىدۇ؛ كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش تەكلىپ لايىھەسىگە قاراپ چىقىلىدۇ.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئاپتونوم رايوندىكى ئارىلاشما مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكلەرنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جىنايى ئىشلار سوتى ۋە مەمۇرىي سوت خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ جىنايى جازا ئىجراسىنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 2015 - يىلى يانۋاردىن ئۆكتەبىرگىچە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك خامچوتنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملارنىڭ «<قېزىلما بايلىق قانۇنى> ۋە <ئاپتونوم رايوننىڭ قېزىلما بايلىقلارنى باشقۇرۇش نىزامى>نىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى»، «2015 - يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات»، «2015 - يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئاپتونوم رايوننىڭ خامچوتنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات»، «2014 - يىللىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە باشقا مالىيە كىرىم - چىقىملىرىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلات»، «<يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى>نىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى» قاتارلىقلارغا قاراپ چىقىش پىكرى ۋە تەتقىق قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتقا قاراپ چىقىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر