باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ يېزا، بازارلىرىدىكى پونكىت-ئورۇنلارنىڭ ھەممىسى 2017-يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئىسلاھ قىلىنىپ بولىدۇ

2015.11.19 13:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇندىن كېيىن شىنجاڭ يېزا، بازارلىرىدىكى پونكىت-ئورۇنلارنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى قايسى تەرەپكە ماڭىدۇ؟ ئىسلاھاتنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى قايسىلار؟ ئىسلاھاتتا ھەرقايسى ئورۇنلار قانداق ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؟

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) 11-ئاينىڭ 12-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى چۈشۈرگەن «يېزا-بازار پونكىت-ئورۇنلارنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» (تۆۋەندە «پىكىر» دەپ قىسقارتىلىدۇ) شىنجاڭدىكى يېزا-بازار پونكىت ئورۇنلار باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ئۈچۈن ۋاقىت جەدىۋىلى ۋە لېنىيە سىخىمىسى تۈزۈپ بەردى.

  يېزا،بازار پونكىت-ئورۇنلىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئېلىپ بېرىش زۆرۈر

  نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 14ۋىلايەت-ئوبلاستتا جەمئىي 866يېزا-بازار بار، 15900يېزا،بازار پونكىت-ئورۇن بار. ھەر قايسى يېزا،بازارلار نوپۇس، يەر مەيدانى، ئاساسىي كەسپ ۋە تەرەققىيات سەۋىيەسى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، پونكىت-ئورۇنلار ۋە شىتات سانىمۇ ئوخشىمايدۇ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەربىر يېزا-بازاردا 18.4پونكىت-ئورۇن بار، ھەربىر يېزا،بازاردا267پونكىت-ئورۇن شىتاتى بار. ناھىيەگە بىۋاستە قاراشلىق ئورۇنلار باشقۇرۇشنى ئاساس قىلغان كەسپىي پونكىت-ئورۇنلار يېزا-بازار پونكىت-ئورۇن ئومۇمىي سانىنىڭ %59نى ئىگىلەيدۇ، يېزا،بازار باشقۇرۇشنى ئاساس قىلغان كەسپىي پونكىت-ئورۇنلار يېزا،بازار پونكىت-ئورۇنلار ئومۇمىي سانىنىڭ %41نى ئىگىلەيدۇ.

  ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىيات-ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ھازىر شىنجاڭدا يولغا قويۇلىۋاتقان يېزا،بازار پونكىت-ئورۇنلارنى باشقۇرۇشتا بىر قىسىم نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلىلەر كېلىپ چىقتى، يېزا-بازارلىق پارتكوم، ھۆكۈمەت ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش بىلەن پونكىت-ئورۇنلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئوتتۇرىسىدا «ئۆزلىشەلمەسلىك، مۇۋاپىق بولماسلىق، ماسلىشالماسلىق» ھادىسىسى كۆرۈلدى، فۇنكىسسىيەلىك تارماقلار باشقۇرۇشنى ئاساس قىلىش بىلەن يېزا،بازار باشقۇرۇشنى ئاساس قىلىش ئەمەلىي مەشغۇلات-يۈرۈشتۈرۈش جەريانىدا ماسلاشتۇرۇش قىيىن بولۇش، باشقۇرۇشسىز قېلىش، ئۈنۈمى تۆۋەنلەش قاتارلىق مەسىلىلەر كۈنسىرى گەۋدىلەندى. بولۇپمۇ نۆۋەتتىكى «ئۈچ قارار قاتلىنىش»تەك كەسكىن شارائىتتا، يېزا،بازار پونكىت-ئورۇنلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، يېزا،بازار ھۆكۈمەتلىرىنىڭ فۇنكىسسىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەتتە يېزا جەمئىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە ئىقتىسادىي تەرققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئېھتىياجىغا ماسلىشىش جىددىي زۆرۈر بولدى. بۇ قېتىم يېزا،بازار پونكىت-ئورۇنلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى مەركەز روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش بولۇپ، شىنجاڭنىڭ 2010-يىلدىن بۇيان يېزا-بازار ئورگانلىرى ئىسلاھاتىنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇشى ۋە داۋامى.

  باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدا ھوقۇق-مەسئۇلىيەت بىرىككەن بولۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى

  «پىكىر»دە يېزا-بازار پونكىت-ئورۇنلارنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئېنىق بەلگىلەندى، يېزا-بازار دېھقانچىلىق تېخنىكا، دېھقانچىلىق ماشېنىلىرى، يېزا ئىقتىسادى قاتارلىق 18پونكىت-ئورۇنلارنىڭ ھەممىسىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقى يېزا-بازارغا چۈشۈرۈلۈش؛ يېزا،بازارلىق ج خ ساقچىخانىسى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، كەنت «قوش تىل» يەسلىلىرى، سەھىيە ئورنى، پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمەت پونكىتى قاتارلىقلارنىڭ ھازىرقى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئۆزگەرمەسلىك، شارائىت پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن داۋاملىق تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىش، ھەمدە 2017-يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ھەممىسىنى ئىسلاھ قىلىش تاماملىنىش تەلەپ قىلىندى. شارائىتى پىشىپ يېتىلگەن ناھىيەلەردە (شەھەر، رايونلار) ئالدى بىلەن سىناق قىلىنىپ، ئىسلاھات سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، ئىسلاھات سۈرئىتى تېزلىتىلىش ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ ھەمدە قوللاشقا ئېرىشىدۇ.

  «پىكىر»دە خادىم، مالىيە، مۈلۈك باشقۇرۇش يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلدى. بۇلار، خادىملار شىتاتىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، كادىرلار باشقۇرۇش ھوقۇقىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، كادىرلارنى باھالاش ھوقۇقىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، مۈلۈك باشقۇرۇش ھوقۇقىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە «پىكىر»دە ناھىيە بىلەن يېزا-بازارنىڭ ھوقۇق-مەسئۇلىيەت مۇناسىۋىتى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئۈستىگە ئېلىشقا تىگىشلىك مەسئۇلىيەتنى يېزا-بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئۈستىگە ئېلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىشكە بولمايدۇ؛ قانۇن نىزاملاردا ئېنىق قىلىپ يېزا-بازار ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئېلىشقا تىگىشلىك ۋەزىپىگە مۇناسىپ ۋەزىپە ھوقۇقى، مۈلۈك باشقۇرۇش ھوقۇقى ۋە خادىم باشقۇرۇش ھوقۇقى بېرىلىپ، ھوقۇق-مەسئۇلىيەت بىرىكىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر