باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چې جۈن يېڭى نۆۋەتلىك ھەيدەكچىلىك خىزمىتىدە ئىزچىللاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاساسنى پۇختىلاشنى تەلەپ قىلدى

2015.11.19 13:49         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چې جۈننىڭ رىياسەتچىلىكىدە 17 - نويابىر مەخسۇس يىغىن ئېچىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ھەيدەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 4 - نۆۋەتلىك ھەيدەكچىلىك خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىدىن بېرىلگەن دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، شۇنداقلا يېڭى نۆۋەتلىك ھەيدەكچىلىك خىزمىتى تەتقىق قىلىندى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا 4 - نۆۋەتلىك ھەيدەكچىلىك خىزمىتىنىڭ نەتىجىلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ مۇنداق قارالدى: تەپەككۇر يولى ئوچۇق، مۇھىم نۇقتا ئېنىق بولغاچقا، چوڭ بايرام، پائالىيەت قاتارلىق سەزگۈر مەزگىللەردە ئىجتىمائىي مۇقىملىق خىزمىتىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى ساقلاش تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈردى؛ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتا ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇردى؛ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىلەرنى بايقاش، كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن بىللە، جايلارنىڭ مەسىلىلەرنى تۈزىتىشىگە ھەقىقىي ياردەم بېرىپ، جايلاردا ياخشى تەسىر پەيدا قىلدى. ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ - تەتقىق قىلىش، ئاكتىپ تەپەككۇر قىلىش جەريانىدا نەزەرىيەۋىيلىكى، يېتەكچىلىكى ۋە قاراتمىلىقى كۈچلۈك تەكشۈرۈپ - تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى يارىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشى ئۈچۈن مۇھىم ئاساس ۋە ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يېڭى نۆۋەتلىك ھەيدەكچىلىك خىزمىتىدە ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، ھەيدەكچىلىك خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ ماھىيىتىنى ئىگىلەشكە كۈچەش، بولۇپمۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەۋقەنى «تۆت ئومۇميۈزلۈك»كە قارىتىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇمىسى ۋە «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىنىڭ تەلىپىگە، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش، ماس تەرەققىي قىلىش، يېشىل تەرەققىيات، ئېچىۋېتىپ تەرەققىي قىلىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئىدىيەسىگە ماسلىشىش، ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 5 - ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىنلىقىنى قوزغاشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىدىيەسى، ھەرىكىتىنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ ھەيدەكچىلىك خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش، جايلارغا ھەيدەكچىلىك قىلىش بىلەن يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا باشلامچى بولۇپلا قالماي، چوڭقۇر ئويلىنىپ، چارە - ئامال تېپىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ئىسلاھات، مۇقىملىق، تەرەققىياتتا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، مەركەزنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش، ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش كېرەك؛ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىش خىزمىتىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، مۇقىملىق خىزمىتىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى چۆرىدەپ ھەيدەكچىلىك خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش، جايلارنىڭ قىشتىكى ئارىسال ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ يوچۇقلارنى تېپىش، تۈزىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، كېلەر يىللىق خىزمەتلەرنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

  غانىبات سابىكەي، ئەركىن تۇنىياز، جاپپار ھەبىبۇللا، جاڭ بو، نىجات سۇلتان، جەرۇللا ھېسامىدىن، ماۋكېن سېيتقامزا، ئاپتونوم رايونلۇق ھەيدەكچلىك گۇرۇپپىلىرىنىڭ باشلىقلىرى ۋە مۇئاۋىن باشلىقلىرى، شۇنداقلا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر