باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىرانسىيە بىلەن رۇسىيە ماسلىشىپ تېررورچى تەشكىلاتلارغا زەربە بېرىشىنى كۈچەيتىشكە قوشۇلدى

2015.11.19 13:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 17- نويابىر خەۋەر قىلىشىچە: فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى شۇ كۈنى رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى مۇزاكىرە قىلغان. ئىككى تەرەپ، ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرى بىلەن ئاخبارات تارماقلىرىنىڭ تېررورچى تەشكىلاتلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن، تېخىمۇ قويۇق ئۇچرىشىشى ۋە ماسلىشىشىغا قوشۇلغان. فىرانسىيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى شۇ كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ھوللاندى 26- نويابىر رۇسىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ ھەمدە پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ھەمدە سۇرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا مۇزاكىرلىشىدۇ. فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 17- نويابىردىكى يەنە بىر خەۋىرىگە قارىغاندا، فىرانسىيە كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى لارشى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەگە قارىتىلغان جازانى تەدرىجىي يېنىكلىتىشنى قاراپ چىقىشنى ۋە ئويلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر