باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۆسۈش باسقۇچىدىكى خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك

شۆھرەت زاكىر13–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنى تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ 2–قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: بۆسۈش باسقۇچىدىكى خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك

2015.11.19 13:48         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنى تەشكىلىي ھەيئىتى 17 – نويابىر چۈشتىن بۇرۇن 2 – قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنى تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى شۆھرەت زاكىر يىغىندا مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر قايسى تارماقلار ۋە ئورۇنلار تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ۋاقىتنى قولدىن بەرمەي، قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرقى بۆسۈش باسقۇچىدىكى خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش پۈتۈن مەملىكەتنىڭ چوڭ ئىشى. شۇڭا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بۇ ئىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىقتىسادىي بېسىم ۋە مۇقىملىقنى ساقلاش ۋەزىپىسى ئېغىرلىشىۋاتقان ئەھۋالدا، كۆپ تەرەپلىمە مەبلەغ توپلاپ، ‹‹دۆلىتىمىز بويىچە بىردىنبىر، شۇنداقلا ئاسىيا ۋە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان›› مۇز ئۈستى مەركىزىنى قۇردى. ھازىر 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ باشلىنىشىغا 60 نەچچە كۈنلا قالدى، تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كىردى.

  شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: باشلىنىش مۇراسىمى، يېپىلىش مۇراسىمىنى ياخشى پىلانلاش، ياخشى تەشكىللەش؛ بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، نۇقسانسىز بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش؛ تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ خىزمەتلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ چىڭ تۇتۇش كېرەك. تەشۋىقات خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنى ئارقىلىق شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭنى دۇنياغا تونۇتۇش؛ كۈتۈۋېلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي سانى 55كە يېتىپ، تارىختىكى قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەڭ كۆپ، كۆلىمى ئەڭ زور تەنھەرىكەت يىغىنى بولىدىغان بولدى. ھەر قايسى ئورۇنلار ‹‹قىزغىن، ئەتراپلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئىنچىكە بولۇش›› پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى روھىي ھالەتتە ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىشى؛ پىدائىيلار ۋە داۋالاش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇپ ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشى؛ ئومۇمىيەت ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى، بولۇپمۇ ھەر تەرەپلىمە خىزمەتلەرنىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، بالدۇر تەييارلىق كۆرۈشى، بالدۇر ھۆكۈم چىقىرىشى، مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بالدۇر پىلانلىشى؛ تەنھەرىكەت يىغىنىنى تېجەشلىك ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، تەننەرخنى تىزگىنلەپ، تېجەشلىك بولۇپ، ‹‹يۇقىرى سەۋىيەلىك، يۇقىرى سۈپەتلىك، تېجەشلىك، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، جۇڭگونى تەسىرلەندۈرۈپ، دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدىغان›› كاتتا قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنى تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى شۆجۈن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: تەشۋىقات خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ، تەشۋىقات خەۋەرلىرىنىڭ لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي تەشۋىقاتنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ بىردەكلىكى بىلەن ماسلىشىشچانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش؛ ئېچىلىش مۇراسىمى، يېپىلىش مۇراسىمىنى ياخشى رېپېتىتسىيە قىلىپ، ئېچىلىش – يېپىلىش مۇراسىمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش؛ ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، كۈتۈۋېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛ تەنھەرىكەت يىغىنىنى تېجەشلىك ئۆتكۈزۈش؛ بۇ قېتىمقى تەنھەرىكەت يىغىنىنى چوڭ تىپتىكى تەنھەرىكەت يىغىنلىرىنىڭ ئۆلچىمى ۋە تەلىپى بويىچە ئەستايىدىل ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزۈش خىزمەتلىرىنىڭ ئەستايىدىل، ئىنچىكە، تەرتىپلىك، ئىلمىي، ئۈنۈملۈك ئىشلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر