باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭ يېڭى زېلاندىيە زۇڭلىسى جون كېي بىلەن كۆرۈشتى

2015.11.19 13:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 18- نويابىر فىلىپپىننىڭ مانىلادا يېڭى زېلاندىيە زۇڭلىسى جون كېي بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە جۇڭگو يېڭى زېلاندىيە مۇناسىۋىتى ياخشى تەرەققىي قىلماقتا، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا، ئادىمىيەت، ئەدلىيە قانۇن ئىجراسى، مۇداپىئە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلدى. جۇڭگو بىلەن يېڭى زېلاندىيەنىڭ ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىگە پايدىلىق. جۇڭگو يېڭى زېلاندىيە بىلەن سۆزلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن يېڭى زېلاندىيە يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ۋە ھەر دەرىجىلىكلەرنىڭ قويۇق ئالاقىسىنى ساقلاپ، ھەر ساھەنىڭ مېخانىزملىق سۆزلىشىش رولىنى جارى قىلدۇرۇشى؛ ئىككى تەرەپلىك سودىنىڭ سىغىمچانلىقىنى كېڭەيتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى، دېھقانچىلىق چارۋىچىلىق قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشى، شۇنىڭ بىلەن تەڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، ئېنېرگىيە تېجەش مۇھىتنى ئاسراش، ئۇچۇر تېخنىكىسى، بىيولوگىيە تېبابەتچىلىك دورىگەرلىك، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق يېڭى ھەمكارلىق ئېشىش نۇقتىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشى، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، يەرلىك قاتارلىق ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كېڭەيتىشى، ئەدلىيە قانۇن ئىجراسى ۋە مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو يېڭى زېلاندىيە بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى، تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى مۇنبىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى، رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئالاقە ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، رايون مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ جەنۇبىي قۇتۇپ ئىشلىرى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  جون كېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى زېلاندىيە جۇڭگو بىلەن بولغان ئىقتىساد سودا، يېزا ئىگىلىك چارۋىچىلىق ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ يېڭى زىنلاندىيەگە مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ. يېڭى زېلاندىيە خېلى بالدۇرلا ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ سېلىش بانكىسىغا كىرىشنى قارار قىلغان، چۈنكى بۇ ئۆز رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا پايدىلىق ھەمدە يېڭى زېلاندىيە ۋە بۇ رايوننىڭ ھەقىقىي مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر