- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ۋېنگىرىيە پارلامېنتى كۆچمەنلەرنى تەقسىم قىلىش تۈزۈمى ئۇستىدىن ئەرزى سۇندى
2015.11.19 13:03 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ۋېنگىرىيە پارلامېنتى 17- نويابىر بىر تۈرلۈك قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، ھۆكۈمەتنى لوكسۇنبۇرۇكدىكى ياۋروپا سوت مەھكىمىسىگە ئەرزى سۇنۇپ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن كۆچمەنلەرنى مەجبۇرى تەقسىم قىلىش تۈزۈمىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا بۇيرىدى. بۇ قانۇن لايىھەنى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئىككى پارتىيە بولغان ياشلار دېموكراتىك ئىتتىپاقى بىلەن خىرىستىيان دېنى دېموكراتىك خەلق پارتىيەسى پارلامېنتنىڭ قاراپ چېقىشىشقا سۇندى. قانۇن لايىھەسىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى مەجبۇر ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلقئارا قوغداشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى تەقسىم قىلىش قارارنى ماقۇللىغاندا،قوشۇمچە پىرىنسىپلارنى ئويلاشماي، ئەزا دۆلەتلەر پارلامېنتلىرىنىڭ پىكىرنى ئىپادىلىشىگە مۇمكىنچىلىك بەرمىدى. شۇڭا قانۇن يولى ئارقىلىق ھەرىكەت قوللىنىش كېرەك .
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر