باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىك قۇرۇلۇش ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈردى

2015.11.19 13:44         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسى بۇ يىل سىياسىي كېڭەش ئىسلاھات خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يىللىق كېڭىشىش پىلانىنى تۈزۈپ يولغا قويۇش ۋاقىتلىق چارىسى، 2015 - يىللىق كېڭىشىش پىلانى، ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى تەشكىللەش ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمەت چارىسى تۈزۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ، كېڭىشىش ۋاسىتىسىدە يېڭىلىق يارىتىش، كېڭىشىش ئاساسىدا قانۇن چىقىرىشنى تۈزۈملەشتۈرۈش قاتارلىق ئىسلاھات خىزمىتى ۋەزىپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەلەپنى كۈچەيتىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىك قۇرۇلۇشىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلدۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسى سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىك قۇرۇلۇشىنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈشنى پىلانلاش جەھەتتە «بەش قەدەم» ئالدى. بىرىنچى، خادىملارنى تەشكىللەپ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشكە ۋەزىپە بىلەن ئۆگىنىشكە ئەۋەتتى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئىلغار تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماسلاشقان كونكرېت لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىككىنچى، كېڭىشىش پىلانىنى ۋاقىتلىق يولغا قويۇش چارىسى تۈزدى. مەزمۇنىدا ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر، خەلق تۇرمۇشى ۋە ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي مەسىلىلەرنى گەۋدىلەندۈردى؛ شەكىل جەھەتتە ئومۇمىي يىغىن، مەخسۇس تېمىدا كېڭىشىش دائىمىي كومىتېت يىغىنى، مەخسۇس تېمىدا كېڭىشىش يىغىنى، ئايلىق كېڭىشىش يىغىنىدىن ئىبارەت تۆت خىل شەكىلنى قوللىنىپ، تەرتىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يېتەكلەشچانلىقى ۋە مەشغۇلاتچانلىقىنى كۈچەيتتى. ئۈچىنچى، 2015 - يىللىق كېڭىشىش خىزمىتى پىلانىنى بېسىپ تارقاتتى. ئەھۋالنى مەلۇم قىلىش، يىغىندا سۆز قىلىش، گۇرۇپپىلار بويىچە مۇزاكىرە قىلىش، پارتىيە، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ رەھبەرلىرى جاۋابەن سۆز قىلىش قاتارلىق كېڭىشىش شەكىللىرىدىن پايدىلىنىپ، پۈتۈن يىللىق قارالمىلارنى پىلانلىدى. ھازىر، ئىشلار پىلان بويىچە تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. تۆتىنچى، كېڭىشىش يىغىنى تەشكىللەش ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىش چارىسىنى تارقاتتى. يىغىندىن ئىلگىرىكى تەييارلىق، يىغىن جەريانىدىكى خىزمەت، يىغىندىن كېيىنكى خىزمەتنىڭ تۈرلۈك مەزمۇنلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، تەشكىللەش ۋە مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىدىكى ھەر قايسى ھالقا ۋە تەپسىلاتلارنى ئايدىڭلاشتۇردى. بەشىنچى، كېڭىشىش خىزمىتىنى ئۈنۈملۈك باغلاشتۇرۇدى. يىللىق كېڭىشىش خىزمەت پىلانىنىڭ دەسلەپكى ئارگىنالى تاماملانغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىدىن تەكلىپ - پىكىر ئېلىپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ۋە مۇزاكىرە قىلىپ، تەكرار ئالاقىلىشىپ ۋە كېڭىشىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقلاپ يولغا قويۇشىغا سۇندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يىل بېشىدىكى خىزمەت پىلانى بىلەن يىل ئاخىرىدىكى خىزمەت دوكلاتىدا يىللىق كېڭىشىش خىزمەت پىلانىنىڭ مەزمۇنلىرىنى تولۇق نامايان قىلدى ۋە ئەمەلىيلەشتۈردى.

  «بەش قەدەم» تەدبىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى بىلەن، بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئومۇمىي يىغىن، مەخسۇس تېمىدا كېڭىشىش دائىمىي كومىتېت يىغىنى، مەخسۇس تېمىدا كېڭىشىش يىغىنى، ئايلىق كېڭىشىش يىغىنى، تەكلىپ - لايىھەلەرنى بېجىرىش، كېڭىشىش يىغىنى قاتارلىق كېڭىشىش ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، يىللىق كېڭىشىش پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملارنى ھەر تەرەپلىك، كۆپ قاتلاملىق كېڭىشىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، «دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ ئاياللارغا سىڭىشىنى توسۇش»، «شىنجاڭ مىللىي دورىگەرلىك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش»، «سانائەت ساھەسىدە ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىمىنى ئازايتىش خىزمىتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش»، «سانائەت رايونى قۇرۇلۇشىدا پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر» قاتارلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنلىرىنى كەينى - كەينىدىن ئېچىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى جەھەتتىكى مۇھىم مەسىلىلەرگە ئەقىل كۆرسىتىشنى چۆرىدەپ، كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىك قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، روشەن ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئاپتونوم رايوننىڭ دېموكراتىك قانۇن - تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىدىكى مۇھىم مەزمۇنلارنىڭ بىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىك قۇرۇلۇش ئىسلاھاتى خىزمىتىنىڭ ساغلام، چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر