باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ 13-بەش يىللىق «يىرىك پىلان تېزىسى» نى تۈزۈش خىزمىتى يىغىنىدا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئېلىمىزنىڭ 13-بەش يىللىق «يىرىك پىلان تېزىسى» نى ئىلمىي تۈزۈشنى تەكىتلىدى

جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى

2015.11.18 15:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 13-بەش يىللىق «يىرىك پىلان تېزىسى» نى تۈزۈش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلىپ، لى كېچياڭ مۇھىم سۆز قىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى «يىرىك پىلان تېزىسى» نى تۈزۈش توغرىسىدا دوكلات بەردى. يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار مۇزاكىرە قىلدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: كەلگۈسى بەش يىل ئېلىمزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى يېڭىش-يېڭىلىش بەلگىلىنىدىغان باسقۇچى، شۇنداقلا تەرەققىيات دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ھالقىلىق مەزگىلى، بىز ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتى مۇھىتىغا دۇچ كېلىۋاتىمىز، بىر تەرەپتىن نى-نى ئىشلارنى قىلالايدىغان ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇپ، خېلى چوڭ ئىمكانىيەت بوشلۇقىغا ئىگە بولدۇق؛ يەنە بىر تەرەپتىن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىش ۋە ئاجىزلىشىشى، جۇغراپىيەلىك سىياسىي ۋە خەلقئارالىق ئىقتىساد-سودا ۋەزىيىتى ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات تاشقى مۇھىتىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرىۋەتتى. دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىنىڭ ھەجىم مىقتارى يۇقىرى تۈپ سانلىق زورىيىۋاتقان ئەھۋالدا، مۇقىم ئايلىنىش ۋە تىپنى ئۆزگەرتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئاشتى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ھالقىلىق بىر قەدىمىنى ياخشى باسساقلا، «ئوتتۇرا ھال كىرىملىكلەر دائىرىسى» دىن ئاساسەن ھالقىپ، زامانىۋى دۆلەت قۇرۇش ئۇلۇغۋار ئىشلىرىمىزنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرەلەيمىز. شۇڭا ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى بويىچە، بىر ئىستراتېگىيەلىك، قاراتمىلىق، مەشغۇلاتچانلىقى كۈچلۈك 13-بەش يىللىق «يىرىك پىلان تېزىسى» نى ياخشى تۈزۈش ئىنتايىن مۇھىم، بۇ، تەرەققىيات ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، كۈرەش قىلىش ئىرادىمىزنى ئۇرغۇتۇپ، زور تىرىشچانلىقىمىز بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش گۈزەل ئارزۇيىمىزنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىشىمىزغا پايدىلىق. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر