باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ مالايسىيا زۇڭلىسى نەجىب بىلەن كۆرۈشتى

2015.11.18 14:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 17-نويابىر فىلىپپىن مانىلادا مالايسىيا زۇڭلىسى نەجىب بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو-مالايسىيا دېڭىزنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى بىر-بىرىگە تايىنىپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلىشىدىغان ياخشى قوشنا، ياخشى ھەمراھ. جۇڭگو-مالايسىيانىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىككى تەرەپنىڭ تۈپ ۋە كەلگۈسى مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. جۇڭگو مالايسىيا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئىزچىل راۋاجلاندۇرۇشنى ئەتراپ دىپلوماتىيەسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش يۆنىلىشىنىڭ بىرى قىلىپ، مالايسىيا بىلەن بىللە جۇڭگو-مالايسىيانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزۈلكسىز موللاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ زور بەخت يارىتىدۇ. ئىككى دۆلەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، 21-ئەسىردە دېڭىز يىپەك يولىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى يېڭى ماسلىشىش نۇقتىسى قىلىپ، جۇڭگو-مالايسىيانىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇپ، ئىقتىساد-سودا، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتسە بولىدۇ. جۇڭگو ئەمەلىي كۈچى بار كارخانىلارنى مالايسىياغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ روناق تېپىشقا ئىزچىل رىغبەتلەندۈرىدۇ. شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بۇ يىللىق نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مالايسىيا جۇڭگو بىلەن شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپە قوشتى، جۇڭگو بۇنىڭدىن مىننەتدار. مالايسىيانىڭ بۇ يىللىق شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ بىر قاتار يىغىنلىرىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايمىز. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر